دوكلات: 100 دىن ئارتۇق ماركا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدا ئالماقتا

يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتتا يۈزدىن ئارتۇق خەلقئارالىق ماركىنىڭ يەنىلا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، «پاختا يۇيۇش، شىنجاڭ پاختىسىنىڭ خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرىدە قانداق كۆلەڭگىسى بار» تېمىسىدا بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلىنغان بولۇپ، دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ پاختىسىنى ئىشلىتىدىغان خىتاينىڭ بەش چوڭ يىپ ۋە رەخت بىلەن تەمىنلىگۈچى سودىگىرى يېرىم تەييار مەھسۇلاتلارنى خەلقئارالىق ۋاسىتىچى شىركەتلەرگە ئېكسپورت قىلىدىكەن. بۇ ۋاسىتىچى سودىگەرلەر خىتاي شىركەتلىرىدىن سېتىۋالغان مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكىدىكى خەلقئارالىق ماركىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يەتكۈزىدىكەن.

دوكلاتتا: «بىز شەرقىي تۈركىستان پاختىسىنى يۈزدىن ئارتۇق خەلقئارالىق ماركا بىلەن تۇتاشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان تەمىنلەش زەنجىرىنى سىزىپ چىقتۇق» دېيىلگەن.

دوكلاتنىڭ ئاساسلىق ئاپتورى ئەنگلىيە شېففىلد خالام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە زامانىۋى قۇللۇق ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى پىروفېسسور لاۋرا مۇرفىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي خەلقئارادا سېتىۋاتقان پاختىنىڭ تەخمىنەن %85 ى شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك ئەمەلدارلار بۇ پاختىلارنى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋاسىتىسى بىلەن يىغىدىكەن.

لاۋرا مۇرفىنىڭ ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىغا ئاشكارىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك ئەمەلدارلار ئۇيغۇرلارنى پۈتۈن يېزا-كەنت ئاھالىسىنىڭ يەرلىرىنى ئىجارە بېرىشكە مەجبۇرلايدىكەن. ئاندىن يەرلىك ئەمەلدارلار مەزكۇر كەنت ئاھالىسىنى «ئېشىنچا ئەمگەكچىلەر» دەپ ئاتاپ خىتاي يولغا قويغان ئاتالمىش «ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» سىياسىتىگە شارائىت ھازىرلايدىكەن.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنىڭ پاختا ۋە پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقى سەۋەبلىك شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەنىدى.

دوكلاتنىڭ ئاپتورى ئۆتكەن ئىككى يىل جەريانىدىكى خەلقئارا سودا ۋە تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق خىتاي پاختا، يىپ ۋە رەخت ئېكسپورتىنىڭ %52 ىنىڭ بېنگال، سىرىلانكا، ۋىيېتنام، فىلىپپىن، خوڭكوڭ، ھىندونېزىيە، كامبودژا، ھىندىستان، پاكىستان، كېنىيە، ئېفىيوپىيە ۋە مېكسىكا قاتارلىق 53 دۆلەت ۋە رايوندىكى ۋاسىتىچى ئىشلەپچىقارغۇچى سودىگەرلەرگە توشۇلغانلىقىنى، مەزكۇر 53 دۆلەتنىڭ يېرىم تەييار پاختا مەھسۇلاتلىرىنى 103 داڭلىق ماركىلىق شىركەتلەرنىڭ كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن پاختا مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بايقىغان.

دوكلاتتا: «نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق ماركىلار ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى بىلمەيلا سېتىۋالىدۇ» دېيىلگەن.

لاۋرا مۇرفى دوكلاتنىڭ ئاخىردا: «مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغان ئىقتىسادنى قوللىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ يەرشارىدىكى داڭلىق ماركىلار چوقۇم بارلىق تەمىنلەش زەنجىرىنى خام ئەشياغىچە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشى كېرەك» دېگەن.

مۇرفىي ئامېرىكا ئاۋازىغا: «مۇرەككەپ تەمىنلەش زەنجىرلىرى خام ئەشيانىڭ كېلىش مەنبەسىنى يوشۇرۇشى مۇمكىن. بەزىدە تەمىنلىگۈچىلەر تەمىنلەش مەنبەسىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ئوخشىمىغان مەنبەدىن كەلگەن پاختا مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇش تەدبىرىنى قوللىنىشى مۇمكىن. شۇڭا بەزى شىركەتلەر ھەربىر تەمىنلىگۈچى ۋە تارماق تەمىنلىگۈچىنى پائال تەكشۈرۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرىغا چېتىلىپ قالماسلىققا كاپالەت قىلىشقا تىرىشماقتا. بەزى شىركەتلەرنىڭ ئىمپورت قىلغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى سەۋەبلىرىنىڭ ئاساسى يوق» دېگەن.

 

مۇرفى دوكلاتنىڭ ئاخىردا يەنە: «ئەگەر تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر مەھسۇلاتنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلمىسە ياكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلمىغانلىقى ھەققىدە قايىل قىلارلىق ئىسپات بىلەن تەمىنلىيەلمىسە، ئۇنداقتا بۇ ماركا تەمىنلىگۈچى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى توختىتىش كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 694 قېتىم كۆرۈلدى
23/11/2021 17:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق