ش ت ت ب سۇنغان دوكلات ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا يەتكۈزۈلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندىكى جىنايى قىلمىشلىرى ھەققىدە تەييارلىغان دوكلات مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى، مالايشىيالىق ئاكادېمىك ۋە مەرىپەت تەشكىلاتى (WADAH) نىڭ رەئىسى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى كومىتېت رەئىسى پىروفېسسور ئەھمەد ئەززەم ئابدۇرراھمان ئارقىلىق دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالاھىدە ئەلچىسىگە يەتكۈزۈلدى.

پىروفېسسور ئەھمەد ئەززەم 22-نويابىر دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالاھىدە ئەلچىسى دوكتور دودىك ئارىيانتو بىلەن كۆرۈشۈپ، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندىكى جىنايى قىلمىشلىرى ھەققىدە تەييارلىغان دوكلاتىنى يەتكۈزگەن.

دوكلات تەشكىلاتلار بىرلىكى ئەزاسى شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەييارلانغان بولۇپ، دوكلاتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىن قىلىش،  ئىسلامنىڭ مۇقەددەس ئورنى بولغان مەسچىتلەرنى چېقىش، مۇسۇلمانلارنى دىندىن يېنىشقا مەجبۇرلاش قاتارلىق ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى يېزىلغان. دوكلاتنىڭ ئاخىردا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ بېرمىدىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىجرا قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ خەلقئارا ئادالەت سوتىدا سوتلىنىشىغا باشچىلىق قىلغىنىدەك، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان«ئىرقىي قىرغىن قىلىش» جىنايىتى سەۋەبلىك خىتاينىمۇ ئادالەت سوتىغا تاپشۇرۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان.

پىروفېسسور ئەھمەد ئەززەم ئابدۇرراھمان باشچىلىقىدىكى مەزكۇر ھەيئەت 30-ئۆكتەبىر خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلغانىدى ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ھەققىدە مۇزاكىرە ۋە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانىدى.

بۇ خەۋەر 625 قېتىم كۆرۈلدى
23/11/2021 16:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق