كونگودا بەش خىتاي پۇقراسى تۇتقۇن قىلىندى

ئافرىقا كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى باياناتچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بىر تۈركۈم خىتاي پۇقرالىرى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولۇپ، كونگودا تۇرۇشلۇق خىتاي باش ئەلچىخانىسى مەزكۇر خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن.

گىرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كونگو ئەمەلدارى ۋە ھەربىي باياناتچىسى يەكشەنبە كۈنى رويتېرس ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا بىر بۆلۈك قوراللىق كىشىلەر كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي جەنۇبى كان رايونىغا يېقىن جايدا بىر ساقچىنى ئۆلتۈرۈپ بەش خىتاي پۇقراسىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ كونگودىكى باش ئەلچىخانىسىمۇ بۇنى دەلىللىگەن. ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ئەلچىخانىسى خىتاي پۇقرالىرىنى رايوندىن بالدۇرراق چېكىنىشكە چاقىرغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينى تۇتقۇن قىلغان قوراللىق كىشىلەرنىڭ كىم ئىكەنلىكى تېخى ئېنىقلانمىغان بولۇپ، ئەمما خىتاينىڭ كانچىلىق شىركەتلىرى بىلەن رايوندىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى يىرىك ئىكەن. دائىرىلەر بەزى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىجازەتسىز ھالدا قانۇنسىز تىجارەت قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

يەرلىك ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ جاي ۋاقتى ئەتتىگەن سائەت ئىككى ئەتراپىدا، خىتاي پۇقرالىرى جەنۇبىي كىۋۇنىڭ فىز ناھىيەسى مۇكېرا (Mukera) يېزىسىدا قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ھۇجۇمغا ئۇچرىغان خىتايلار جەمئىي 14 نەپەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەش نەپىرى قوراللىقلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن. نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكى  بولمىغان بولۇپ، قالغان توققۇز خىتاي بىخەتەر تارقاقلاشتۇرۇلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 8-ئايدا، جەنۇبىي كىۋۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت خىتاي مەبلەغ سالغان ئالتە شىركەتنىڭ تىجارىتىنى ۋاقتىنچە توختاتقان ۋە بارلىق يەرلىك ۋە چەتئەللىك خىزمەتچىلەرنى بۇ جايدىن ئايرىلىشقا بۇيرىغان. يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي شىركىتى تىجارەتنى دەرھال توختاتمىغانلىقتىن بەزى رايونلاردا يەرلىك خەلق بۇنىڭغا قارشى نامايىش قىلغان.

بۇ خەۋەر 614 قېتىم كۆرۈلدى
23/11/2021 15:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق