ياپونىيەنىڭ كىيىم-كېچەك ماگناتلىرى خىتايدىن پاختا سېتىۋېلىشنى توختاتتى

ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق ئىككى تەييار كىيىم ماگناتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا خەلقنى مەجبۇرى ئىشلەشكە زورلىغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەر تۈپەيلىدىن شەرقىي تۈركىستاندىن پاختا سېتىۋېلىشنى توختىتىشنى قارار قىلدى.

خەۋەرلەر تورى ئىخلاس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 22-نويابىردىكى خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىشلەشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى سەۋەبلىك ئەيىبلەشلەر تۈپەيلىدىن ، ياپونىيىدىكى ئىككى تەييار كىيىم-كېچەك ماگناتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن پاختا سېتىۋېلىشنى توختىتىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر ئىككى شىركەتنىڭ بىرى سانيو شوكەي Sanyo Shokai كېلەر يىلى ئەتىياز ۋە يازلىق مەۋسۇمدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان مەنبەلىك پاختىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسا، TSI پاي كونترول شىركىتى مەھسۇلاتلىرىغا بۇ يىل كۈز ۋە قىش ئايلىرىدا باشلىغان ئېمبارگونى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئومۇمىي پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ %85 دە شەرقىي تۈركىستانغا تايىنىدىغان خىتاي رېجىمىنىڭ نەچچە يۈزمىڭلىغان كىشىنى پاختا ئېتىزلىرىدا ئىشلەشكە مەجبۇرلىغانلىقى ۋە بۇ جىنايەتنىڭ كۈنسىرى دۇنياغا پاش بولۇپ، ئېغىر نارازىلىق قوزغىماقتا ۋە خىتاي رېجىمىغا ھەرخىل جازا بېرىلمەكتە. ئىلگىرى ياپونىيەنىڭ تەنتەربىيە بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقارغۇچىسى Mizuno مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەلەپلەر تۈپەيلىدىن شەرقىي تۈركىستاندىن پاختا سېتىۋېلىشنى توختاتقانىدى.

شۇنداقلا شىۋىتسىيەدىكى كىيىم-كېچەك شىركىتى H&M بۇلتۇر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قارارغا ئىمزا قويۇپ، شەرقىي تۈركسىتان پاختىسىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

بۇ خەۋەر 721 قېتىم كۆرۈلدى
22/11/2021 15:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق