خىتاي لىتۋانىيەدىن ئۆچ ئالدى

خىتاي لىتۋانىيەدىن ئۆچ ئېلىپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، لىتۋانىيە قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تەيۋەن تەرەپ خىتاينى «تەكەببۇر» دەپ تەنقىد قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 21-نويابىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، لىتۋانىيە تەيۋەننىڭ لىتۋانىيەدە «تەيۋەن» نامىدا ئىشخانا تەسىس قىلىشىنى تەستىقلىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي بىلەن لىتۋانىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ۋاكالەتچى دەرىجىسىگە چۈشۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. لىتۋانىيە تەرەپ بولسا، خىتاينىڭ بۇ قارارىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق ئىشلىرى كېڭىشى خىتاينى ئەيىبلەپ، «خىتاينىڭ تەيۋەننىڭ خەلقئارادىكى مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشى چېكىدىن ئاشقان تەكەببۇرلۇق» دېگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتىدا، خىتاي بىلەن لىتۋانىيە ئوتتۇرىسىدا باش ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش سىياسىي ئاساسىنىڭ لىتۋانىيە تەرىپىدىن بۇزۇۋېتىلگەنلىكىنى، شۇ سەۋەبلىك خىتاي ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، خىتاي بىلەن لىتۋانىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈشنى قارار قىلغانلىقىنى، لىتۋانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

21-نويابىر كۈنى لىتۋانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ لىتۋانىيە-خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ۋاكالەت دەرىجىسىگە چۈشۈرۈش قارارىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

باياناتتا يەنە، لىتۋانىيەنىڭ بىر خىتاي سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشكە ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان باياناتتا، «تەيۋەن ئەزەلدىن دۆلەت بولۇپ باقمىغان، تەيۋەن مۇستەقىللىق كۈچلىرى پاكىتنى بۇرمىلاپ، ھەق -ناھەقنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت تارىخىي پاكىتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 18-نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ، لىتۋانىيەدىكى تەيۋەن ۋاكالەتخانىسىنىڭ رەسمىي قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىدا يېڭى سەھىپە ئېچىلغانلىقىنى، بۇ ئىشخانىنىڭ ھازىردىن باشلاپ لىتۋانىيەنىڭ كونسۇلخانا مۇلازىمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن ئىشلارغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 632 قېتىم كۆرۈلدى
22/11/2021 15:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق