خىتاينىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە مەخپىي بازا قۇرۇش خىيالى بەربات بولدى

خىتاي ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە مەخپىي بازا قۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە توختىتىلغان.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ 19-نويابىر «ۋال كوچىسى گېزىتى» دىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرى بىر قانچە ئاي ئىلگىرى خىتاينىڭ ئەمىرلىك پورتىدا گۇمانلىق ھەربىي قوماندانلىق ئىشتابىنى مەخپىي قۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى ئېنىقلىغان بولۇپ، مەزكۇر قۇرۇلۇش ۋاشىنگتوننىڭ ئارىلىشىشى سەۋەبلىك توختىتىلغان.

«ۋال كوچىسى گېزىتى» جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئەبۇزەبىدىكى خەلىفە پورتىغا جايلاشقان ئورۇندىكى خىتاي قۇرۇلۇشى ئامېرىكىنىڭ بېسىمىدىن كېيىن توختاپ قالغان. بۇ ھەقتە ئامېرىكا تەرەپنىڭ تەخت ۋارىسى شەيخ مۇھەممەد بىن زايىد بىلەن كۆرۈشكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

گېزىت خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ۋاشىنگتون ئەبۇزەبىنى تۇپرىقىدىكى خىتاينىڭ ھەربىي مەۋجۇتلۇقى ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەھدىت سالىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. نەتىجىدە ئامېرىكىنىڭ بېسىمى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ۋە پىرېزىدېنت جوۋ بايدىننىڭ ئوتتۇرا شەرق ئەلچىسى خىتاي قۇرۇلۇش قىلغان ئورۇننى زىيارەت قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسى «ۋال كوچىسى گېزىتى» مۇخبىرىغا ئۆزىنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرى يوقلىقىنى، ھەمدە خىتاي بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تۇپرىقىدا ھەربىي بازا قۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم يوقلىقىنى ئېيتقان.

بۇ خەۋەر 643 قېتىم كۆرۈلدى
22/11/2021 14:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق