ئەنگلىيە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشنى ئويلاشتى

ئەنگلىيە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى ئويلاشقان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 20-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون كېلەر يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىيە جەھەتتە بايقۇت قىلىشنى ئويلاشقان بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە ، نۆۋەتتە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى ئاكتىپ مۇزاكىرە قىلماقتىكەن. ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى لىز تىرۇسمۇ خىتاينى بايقۇت قىلىش مەسىلىسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تايمىس گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئويلىشىلىۋاتقان لايىھەنىڭ بىرى بولسا، ئەنگلىيە باش ۋەزىرىنىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشماسلىقى، ئۇنىڭ ئورنىغا ئەنگلىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ قاتنىشىشى ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ بەش سىياسىيونى باش ۋەزىر جونسونغا مەكتۇپ يازغان بولۇپ، مەكتۇپتا ئەنگلىيەنىڭ رەسمىي دىپلوماتىك ۋەكىللىرىنىڭ 2-ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېن پەيشەنبە ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن.

بۇ خەۋەر 566 قېتىم كۆرۈلدى
22/11/2021 13:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق