خىتاي بىلەن ھىندىستان ھەربىي قوماندان دەرىجىلىك سۆھبەتكە تەييارلىق قىلدى

خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ ۋەكىللىرى 18-نويابىر چېگرا مەسىلىسى توغرىسىدا سىن يىغىنى ئاچقان بولۇپ، ئىككى تەرەپ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەربىي قوماندان دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ئارقىلىق چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا قوشۇلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئورگان تورىدا ئاشكارىلىنىشىچە، 18-نويابىر خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى چېگرا ۋە دېڭىز-ئوكيان ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خوڭ لياڭ ۋە ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرىنىڭ ياردەمچى كاتىپى ناۋىن سىرىۋاستاۋانىڭ قاتنىشىشى بىلەن، خىتاي-ھىندىستان چېگرا ئىشلىرىنى كېڭىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ 23-قېتىملىق يىغىنى سىن ئارقىلىق ئېچىلغان. يىغىنغا ئىككى تەرەپنىڭ تاشقى ئىشلار، مۇداپىئە، كۆچمەنلەر ۋە باشقا تارماق ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان.

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، ئىككى تەرەپ ھازىرقى چېكىنىش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەشكە، ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان كېلىشىم ۋە ئورتاق تونۇشقا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، ۋەزىيەتنىڭ قايتا تەكرارلىنىشىدىن ساقلىنىشقا قوشۇلغان. ئۇندىن باشقا دىپلوماتىك ۋە ھەربىي يوللار ئارقىلىق دىيالوگ ۋە ئالاقىنى ساقلاپ قېلىشقا، 14-نۆۋەتلىك ھەربىي قوماندان دەرىجىلىكلەر بويىچە، سۆھبەتكە تەييارلىق قىلىشقا ھەمدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا توقۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا قوشۇلغان.

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، ئىككى تەرەپ پەيشەنبە كۈنىدىكى سۆھبەتتە كېلەر قېتىملىق ھەربىي قوماندان دەرىجىلىكلەر بويىچە ئۆتكۈزمەكچى بولغان سۆھبەتنى بالدۇرراق باشلاش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان. سۆھبەتنىڭ مەقسىتى تالاش-تارتىشتىكى چېگرانىڭ ئەمەلىي كونترول لىنىيەسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى بارلىق توقۇنۇش نۇقتىلىرىدىن پۈتۈنلەي چېكىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا گالېۋاڭ ۋادىسىدا خىتاي بىلەن ھىندىستان ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن بۇيان، ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي قوماندان دەرىجىلىك چېگرا سۆھبىتى 13 قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن.

رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئەينى ۋاقىتتىكى توقۇنۇشتا ھىندىستاننىڭ 20 ئەسكىرى ئۆلگەن، خىتاي تەرەپتىنمۇ نۇرغۇن ئەسكەر ئۆلگەن. ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ئۆتكەن يىلى 6-ئايدىكى توقۇنۇشتىن ئىلگىرى ئىككى تەرەپ ئەسكەرلىرىنىڭ ئەسلىدىكى بازىغا قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلغان، ئەمما خىتاي بۇنى رەت قىلغان.

بۇ خەۋەر 693 قېتىم كۆرۈلدى
20/11/2021 15:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق