دانىيە چۇڭچىڭدىكى باش كونسۇلخانىسىنى تاقاشنى قارار قىلدى

دانىيەنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىخانىسى چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى باش كونسۇلخانىسىنى 1-دېكابىردىن ئېتىبارەن رەسمىي تاقايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دانىيەنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىخانىسى 19-نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ، مەمۇرىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چۇڭچىڭدىكى باش كونسۇلخانىسىنى 1-دېكابىردىن ئېتىبارەن رەسمىي تاقايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دانىيە باش ئەلچىخانىسى ئۈندىدار سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «مەمۇرىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، 2021-يىلى 18-نويابىردىن باشلاپ، خىتاينىڭ چۇڭچىڭدىكى باش كونسۇلخانىنىڭ بارلىق ئىشلىرى دانىيە پادىشاھلىقىنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىخانىسىغا يۆتكىلىدۇ» دېگەن ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلغان. ئەمما چۇڭچىڭدىكى باش كونسۇلخانىسىنى تاقاش سەۋەبى ھەققىدە باشقا تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، دانىيەنىڭ چۇڭچىڭدىكى باش كونسۇلخانىسى 2005-يىلى 1-ئايدا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، باشتا كونسۇلخانا سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان، 2012-يىلى رەسمىي باش كونسۇلخانا دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، سودا ۋە كونسۇل ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان. دانىيەنىڭ چۇڭچىڭدىكى باش كونسۇلخانىسى دانىيە سودا كومىتېتىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، دانىيە دىپلوماتىك ئورگىنىنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى ئىكەن.

بۇ خەۋەر 725 قېتىم كۆرۈلدى
20/11/2021 12:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق