ئامېرىكا خىتاينى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى پىلانلىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبلىك، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا خەۋەرلىرى تورىنىڭ 18-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېن كانادا باش مىنىستىرى جاستىن تىرۇدو بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى مۇخبىرلارغا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بايدېن مۇخبىرنىڭ ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلماقچى بولغانلىقى ھەققىدە سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «ھەئە، بىز شۇنداق قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمىز» دېگەن.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى 16-نويابىردىكى خەۋىرىدىمۇ بايدېننىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبلىك، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرماسلىق ئۇسۇلى بىلەن خىتاينى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

باشقا خەۋەر مەنبەلىرىدە بولسا بۇ قارارنىڭ تېخى رەسمىي ئېلان قىلىنمىغانلىقى، بايدېننىڭ ئاي ئاخىرىدىن بۇرۇن بۇ قارارنى تەستىقلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2022-يىلى 4-فېۋرالدىن 20-فېۋرالغىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، خەلقئارادا بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش سادالىرى داۋاملىق كۈچەيمەكتە.

بۇ خەۋەر 723 قېتىم كۆرۈلدى
19/11/2021 14:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق