خىتاي دىپلوماتى يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى مەسىلىسىدە ئاۋسترالىيەنى ئەيىبلىدى

خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدىكى دىپلوماتىيە ئەمەلدارى ئاۋسترالىيەنىڭ يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى كېلىشىمىگە ئىمزا قويغانلىقىنى «ئاۋسترالىيە پالتا-پىچاق ئويناتقۇچىغا ئايلىنىپ قالدى» دەپ ئەيىبلىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ۋەكىلى ۋاڭ شىنىڭ «مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاۋسترالىيەنىڭ ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ تېخنىكىسى بىلەن كەم دېگەندە سەككىز يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتى ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئاۋسترالىيەنى تىنچلىقنى قوغدىغۇچى ئەمەس، «پالتا-پىچاق ئويناتقۇچى»غا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋاڭ شىنىڭ: «يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى كېلىشىمى ئاۋسترالىيەنىڭ تىنچلىقنى سۆيىدىغان نامىغا زىيان يەتكۈزدى» دېگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە خىتايلارنىڭ ئاۋسترالىيەنى تىنچلىقنى سۆيىدىغان دۆلەت، دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئەمما ھازىر كىشىلەر يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ يىراقتىكى نىشانلارغا يىراق مۇساپىلىك ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە: «ئۇنداقتا سىلەر كىمگە ھۇجۇم قىلماقچى؟» دەپ سوئال قويغان.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ توختىتىلىشىغا سەۋەبچى بولمايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىش بىلەن بىرگە، ھەربىي توقۇنۇشقا ئارىلىشىش قاتارلىق ئىشلارغا تەۋەككۈل قىلىشنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەتكە پايدىلىق مۇھىت ياراتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ يىل 9-ئايدا ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە «ئاۋكۇس» (AUKUS) ناملىق يېڭى بىخەتەرلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى باياناتتا ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئاۋسترالىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتىغا ئىگە بولۇشىنى قوللايدىغانلىقى، مۇداپىئە كېلىشىمىنىڭ يەنە تور ئىقتىدارى، سۈنئىي ئىدراك ۋە قوشۇمچە سۇ ئاستى پاراخوتى ئىقتىدارى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. مەزكۇر بىخەتەرلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان زومىگەرلىك ۋە كېڭەيمىچىلىك قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلگەن، دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 718 قېتىم كۆرۈلدى
19/11/2021 14:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق