ياپونىيە خىتاينىڭ تەھدىتىگە قارشى مۇداپىئە چىقىمىنى ئاشۇرۇشتا رېكورت ياراتتى

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىغا ئىقتىسادىي قوزغىتىش پىلانىنى قوشۇش ئارقىلىق، مۇداپىئە چىقىمىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە رېكورت ياراتتى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىنى كەم دېگەندە 770 مىليارد يىنغا (6 مىليارد 740 مىليون دوللار) يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ جۈمە كۈنى بېكىتىلىدىغان ئىقتىسادنى قوزغىتىش پىلانىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەن. بۇ سومما 2019-يىلىدىكى 430 مىليارد يىنلىق ئۈستىلىمە خامچوتىدىنمۇ كۆپ بولۇپ، مۇداپىئە خامچوتى بويىچە ئەڭ يۇقىرى سومما ئىكەن.

نۆۋەتتە ياپونىيە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە ۋە غەربنىڭ باشقا ئىتتىپاقداشلىرى خىتاينىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىيلەشتۈرۈش ھالىتىگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىنكاس قايتۇرغان. بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتى ئۆزىنىڭ كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرالايدىغان سەۋىيەگە يېتىشنى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ مۇساپىسىنى 1000 كىلومېتىردىن ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ياپونىيە يەنە تور، ھاۋا بوشلۇقى ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشنى پىلانلىغان.

ياپونىيە يەنە ئاۋسترالىيە ۋە باشقا ئىتتىپاقداشلار ۋە دوستانە دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، شىنزو ئابى بۈگۈن ئاۋسترالىيە ئەقىل ئامبىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان تور سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقاندا بۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. گەرچە شىنزو ئابى ئۆتكەن يىلى باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ لىبېرال دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىكى تەسىرى كۈچلۈك ئىكەن.

ئۇ سۆھبەت يىغىنىدىكى سۆزىدە: «كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان رايون بىخەتەرلىك مۇھىتىنى كۆزدە تۇتقاندا، ياپونىيە-ئاۋسترالىيە ئىككى تەرەپ بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرۈشى كېرەك» دېگەن. شىنزو ئابى يەنە ياپونىيەنىڭ ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق «AUKUS» بىخەتەرلىك شېرىكلىرى بىلەن سۈنئىي ئىدراك، تور ئىقتىدارى ۋە كىۋانت تېخنىكىسى جەھەتتە ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. «AUKUS» كېلىشىمى نۆۋەتتە خىتاينىڭ رايوندىكى ھەربىي كۈچىنىڭ ئېشىشىغا قارشى ئىنكاس دەپ قارالماقتا.

بۇ خەۋەر 660 قېتىم كۆرۈلدى
19/11/2021 11:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق