لىتۋانىيەدە تەيۋەن ۋاكالەتخانىسى رەسمىي ئېچىلدى

تەيۋەننىڭ لىتۋانىيەدە تۇرۇشلۇق تەيۋەن ۋاكالەتخانىسى 18-نويابىر رەسمىي خىزمەت باشلىغان بولۇپ، بۇ ياۋروپادىكى تۇنجى قېتىم «تەيۋەن» نامى بىلەن ئېچىلغان ۋاكالەتخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 18-نويابىر چۈشتىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، لىتۋانىيەدىكى تەيۋەن ۋاكالەتخانىسىنىڭ رەسمىي قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىدا يېڭى سەھىپە ئېچىلغانلىقىنى، بۇ ئىشخانىنىڭ ھازىردىن باشلاپ لىتۋانىيەنىڭ كونسۇلخانا مۇلازىمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن ئىشلارغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىك بۇ ھەقتىكى باياناتىدا تەيۋەن ۋە لىتۋانىيەنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، لازېر نۇر ۋە پۇل-مۇئامىلە تېخنىكىسى قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق يادرولۇق قىممەت قارىشى ئاساسىدا دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى يەنە تىۋىتتېر ھېسابىدىمۇ يازما يوللاپ، لىتۋانىيە ھۆكۈمىتى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دوستلىرىنىڭ لىتۋانىيەدە تەيۋەن ۋاكالەتخانىسى قۇرۇشنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە لىتۋانىيەگە تەھدىت سېلىپ، بۇ مەسىلىگە قارىتا تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى، كېلىپ چىققان بارلىق نەتىجىگە لىتۋانىيەنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

تەيۋەن ھۆكۈمىتى بۇ يىل 7-ئايدا لىتۋانىيەدە ۋاكالەتخانا قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن ئەينى ۋاقىتتا، ۋاكالەتخانا تەسىس قىلىشىنىڭ مۇھىم دىپلوماتىك بۆسۈش ئىكەنلىكىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەتنىڭ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. نۆۋەتتە لىتۋانىيەمۇ تەيۋەندە ئىقتىساد ۋە سودا ئىشخانىسى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلماقتىكەن.

خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان دىپلوماتىك ھۇجۇمى ئاستىدا، ھازىر تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بار دۆلەتتىن 15 ىلا قالغان. ئەمما تەيۋەننىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەردە ۋاكالەتخانىسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى «تەيبېي» نامىدا ئاتالغان.

بۇ خەۋەر 703 قېتىم كۆرۈلدى
19/11/2021 11:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق