خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قەرەللىك داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ بۇ قېتىملىقىدا ئاتالمىش «تېررورلۇق ۋەقەلىرى» ھەققىدە توختىلىپ، خەلقئارانىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاشقا ئۇرۇندى.
ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دائىرىلىرى 17-نويابىر بېيجىڭدا شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە 60-قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان. يىغىنىدا خىتاينىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» نامىدىكى ھەرىكەتلىرى باش تېما قىلىنغان بولۇپ، «تېررورچىلارنىڭ ۋە ئەسەبىيلىكنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدى» دەپ دەۋا قىلىنغان بىر نەچچە كىشىنى سىن ئارقىلىق يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزگەن.
ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى»نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ گۈيشياڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى رېئاللىقىنى پۈتۈنلەي بۇرمىلاپ: «خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇردۇق. قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشتا چىڭ تۇردۇق. ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتە چىڭ تۇردۇق. تېررورىزم ۋە ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش ھەرگىزمۇ مەلۇم بىر مىللەتكە قارىتىلغان ئەمەس» دەپ بىلجىرلىغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جاۋ لىجيەنمۇ تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مەزكۇر يىغىننى مەخسۇس تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاقلاشقا ئۇرۇنغان.
بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاي دائىرىلىرى 2014-يىلى 28-ئىيۇل يەكەننىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەنى نۇقتىلىق تىلغا ئالغان بولۇپ، ئاتالمىش «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان» خىتاي پۇقرالىرىنى گۇۋاھلىق بەرگۈزگەن.
ھالبۇكى، ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى يېزىلىق چارلاش ئەترىتىنىڭ رامىزان ئېيىدا تەراۋىھ نامىزى ئوقۇۋاتقان ئاياللارنى تۇتقۇن قىلىشى سەۋەبلىك يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا يەكەننىڭ ئېلىشقۇ ۋە خاڭدى يېزىلىرىدىكى خەلق خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك قارشىلىققا ئۆتكەن. ئەينى ۋاقىتتا خىتاي دائىرىلىرى ھۆكۈمەت كادىرلىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئېتىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن. بۇ سەۋەبلىك نۇرغۇن يېزا كادىرلىرىمۇ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
خىتاينىڭ بارلىق ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىۋالغانلىقى سەۋەبلىك، ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقىدا قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتقا ئېرىشىش قىيىن ئىكەن. ئەمما قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەن مەزگىللەردىكى ئەھۋاللارنى بىلىدىغان بىر قىسىم گۇۋاھچىلار ئەينى چاغدا شېھىت قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بەزى خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۆز ۋاقتىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئېنىقلاشقا ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ چەكلىمىلىرى سەۋەبىدىن بۇ ھەقتە ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن. مەزكۇر قانلىق ۋەقە جەريانىدا تۆت كەنتتە قانلىق قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەنلىكى سەۋەبلىك، يەرلىك ئاھالىلەر قورققىنىدىن ئۇزۇنغىچە تالا-تۈزگە چىقالمىغان.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا قاماش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش قاتارلىق جىنايەتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىپ، كۈچلۈك كۈنتەرتىپتە تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىملىق يالغان تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنى تېررورچى، ئۆزلىرىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قىلىپ پەردازلاش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندىكى تېررور سىياسىتىنى يوللۇق كۆرسىتىشكە ۋە خەلقئارانىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاشقا ئۇرۇنغان.