11-ئاينىڭ 13-كۈنى گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامىستىردام دام مەيدانىدا ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغان قۇتلۇق كۈن خاتىرىلەندى. بۇ پائالىيەت دام مەيدانىدا ئۈزلۈكسىز يالغۇز كىشىلىك پائالىيەت قىلىۋاتقان ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر ئەپەندى باشچىلىقىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى پائالىيەت جەريانىدا مۇخبىرلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ: «12-نويابىر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختا ئىككى قېتىم مۇستەقىل دۆلىتى قۇرۇلغان كۈندۇر. 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەر شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى غۇلجا شەھىرىدە شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. ئەپسۇسكى، كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتاينىڭ مەخپىي تۈزگەن كېلىشىمى بىلەن ھەر ئىككى جۇمھۇرىيىتمىز خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىندى. مەن خىتاي زۇلۇمى دەستىدىن ياشاشقا ئامالسىز قېلىپ ئەزىز ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستاندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئۇزۇنغا سوزۇلغان ۋەتەنسىزلىك، مۇساپىرچىلىقتىن كېيىن گوللاندىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشتىم. شۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىم بۇ دۆلەتتە ئۆتمەكتە. بۇ جەرياندا 2018-يىلدىن باشلاپ ۋەتەندىكى ئۇرۇغ-تۇققانلىرىم بىلەن ھەتتا تېلېفوندا بولسىمۇ كۆرۈشەلمىدىم. چۈنكى تاجاۋۇزچى خىتاي مېنى ئاتا-ئانام ۋە ئۇرۇغ-تۇققانلىرىم بىلەن كۆرۈشۈشۈمگە رۇخسەت قىلمىدى» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان 1949-يىلىدىن باشلاپ سان-ساناقسىز بىگۇناھ ئۇيغۇر خەلقىنى يوقىلاڭ باھانە- سەۋەبلەر بىلەن ناھەق ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى، مىليونلارچە خەلقنىڭ ئۇزۇن يىللار بويى تۈرمىلەردە يېتىۋاتقانلىقىنى، خىتايلار 2016-يىلىدىن باشلاپ تېخىمۇ غالجىرلىشىپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا رەسمى ھالدا ئومۇمىيۈزلۈك "قانلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق" ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ دەھشەتلىك ئەھۋال ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئامېرىكا قاتارلىق 7 دۆلەتنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ جاكارلىغانلىقىنى، ھازىر يالغۇز ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرىلا ئەمەس، مىليونلارچە ئۇيغۇرنىڭ خىتاي تەرىپىدىن سەۋەبسىز ھالدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە ھەر خىل نامدىكى تۈرمە ۋە جازا لاگىرلىرىدا ناھەق يېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى دام مەيدانىدا خىتايغا قارشى ئۈچ يىلدىن بۇيان يالغۇز كىشىلىك نامايىش قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاداققىچە ئۆز ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى جاكارلاپ كەلمەكتە.