ئامېرىكا خىتاي ۋە رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون دۆلەتنى دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 17-نويابىر رۇسىيەنى دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرغانلىقى سەۋەبلىك «ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتايمۇ بار بولۇپ، مەزكۇر دۆلەتلەر ئۆتكەن يىلى دىنىي ئەركىنلىككە ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرۇز قىلغان دۆلەتلەر قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ بارلىق دۆلەتلەردىكى دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ باياناتىدا بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ نۇرغۇن رايونلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ پەقەت ئۆز ئېتىقادى بويىچە ياشىغانلىقى ئۈچۈنلا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن پاراكەندە قىلىنغانلىقىنى، قولغا ئېلىنغانلىقىنى، تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقىنى، تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى، ھەتتا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا بۇ يىل رۇسىيەنى دىنىي ئەركىنلىككە ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، قارا تىزىملىكتىكى خىتاي، شىمالى كورىيە، كۇبا، ئالجىرىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، بېرما، ئىران ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ھەر يىلى مەزكۇر تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن. بۇلتۇر «ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر» قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن نىگېرىيە بۇ يىل تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىلگەن بولۇپ، بىلىنكېن بۇ ھەپتە نىگېرىيەنى زىيارەت قىلىدىكەن.