فىلىپپىن خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى يولسىز قىلمىشىنى ئەيىبلىدى

فىلىپپىن خىتاينىڭ دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەتچى پاراخوتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا فىلىپپىننىڭ تەمىنلەش پاراخوتىنى توسۇۋالغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئۈچ دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەتچى پاراخوتى فىلىپپىننىڭ ئىككى تەمىنلەش پاراخوتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئايۇنگىن خادا تاشلىرى رايونىغا بېرىشنى توسقان ھەمدە يۇقىرى بېسىملىق سۇ بىلەن ھۇجۇم قىلغان.

فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تېئودورو لوكسىن خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلغان. ئۇ باياناتىدا: «خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەتچى ئەترىتىنىڭ ھەرىكىتى قانۇنسىزلىق» دېگەن.

لوكسىن باياناتىدا خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ھۆكۈمەت پاراخوتلىرى فىلىپپىن-ئامېرىكا ئورتاق قوغدىنىش ئەھدىنامىسى دائىرىسىگە كىرىدۇ. خىتاي ئۆزىنى كونترول قىلالمىسا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاھىدە مۇناسىۋىتىگە تەھدىت سالغان بولىدۇ» دېگەن.

بۇ خەۋەر 738 قېتىم كۆرۈلدى
18/11/2021 11:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق