مادو شىركىتى خوجايىنىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى سۆزلىرى كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىدى

تۈركىيەدىكى داڭلىق ماركىلاردىن بىرى بولغان مادو شىركىتىنىڭ خوجايىنى خىتاي ھەققىدىكى نومۇسسىزلارچە سۆزلىرى سەۋەبلىك قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى.

تۈركىيەدىكى داڭلىق ماروژنى ۋە تاتلىق-تۈرۈم شىركىتى مادونىڭ خوجايىنى مەھمەت كانبۇر 15-نويابىر خىتاي خەلقئارا رادىيوسى تۈركچە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، مادو شىركىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خىتايدىكى پىلانلىرى ھەققىدە توختالغان. ئۇ زىيارەتتە يەنە شىركىتىنىڭ خىتايدىكى ئېچىلىش مۇراسىمى ھەققىدە توختىلىپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنى «خىتايدىن» دەپ تونۇشتۇرغانلىقىنى، مېھمانلارنىڭ ھەيران قالغانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋە بۇنى چۈشەندۈرۈپ: «ئىنساننىڭ ئىككى ۋەتىنى بولىدۇ، بىرى تۇغۇلغان يېرى، يەنە بىرى تويغان يېرى. خىتايدا تويغانىكەنمەن، مەن خىتايدىن» دېگەن.

ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى تور دۇنياسىدا تارقالغاندىن كېيىن، تۈركىيە ئىچى-سىرتىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، شۇنداقلا تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى زاتلار، داڭلىق شەخسلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابلىرى ئارقىلىق مەھمەت كانبۇرنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە غەزىپىنى بىلدۈرۈشتى.

تۈنۈگۈن كەچتە تىۋىتتېردا يەنە «مادونى بايقۇت قىلايلى» تېمىسىدا ھەشتەگ پائالىيىتى باشلانغان بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيەدىكى تىۋىتتېر كۈنتەرتىپىدە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.

مادو 1850-يىلى تۈركىيەدە قۇرۇلغان شىركەت بولۇپ، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، داڭلىق ماركىلاردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە مادونىڭ 22 دۆلەتتە تارماق شىركىتى بار بولۇپ، مەھمەت كانبۇر خىتايدىكى زەنجىرسىمان دۇكىنىنى مىڭغا يەتكۈزۈش نىشانى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

مادو شىركىتى ئالدىنقى ئايدىمۇ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ باشچىلىقىدا تەشكىللەنگەن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ مادو شىركىتىگە تەۋە پائالىيەت زالىدا ئۆتكۈزۈلۈشىگە رۇخسەت قىلمىغانىدى ۋە بۇنىڭ خىتايدىكى سودىسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

بۇ خەۋەر 743 قېتىم كۆرۈلدى
17/11/2021 14:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق