چېن چۈەنگو خوتەندىكى زىيارىتىدە باستۇرۇش سىياسىتىنى قايتا تەكىتلىدى

چېن چۈەنگو ئالدىنقى ھەپتە «خىزمەت تەكشۈرۈش» ئۈچۈن خوتەن ۋىلايىتىگە بارغان بولۇپ، ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش»، «دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ماسلاشتۇرۇش» دېگەن ئىبارىلەرنى قايتا تەكىتلىگەن.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» كوممۇنىستىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو 13-، 14-نويابىر تەكشۈرۈش ئۈچۈن خوتەن ۋىلايىتىنى زىيارەت قىلغان. چىن چۈەنگو بۇ جەرياندا خوتەندىكى بىر قىسىم مەكتەپ ۋە زاۋۇت-كارخانىلارغا بارغان بولۇپ، بۇ جەرياندا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى كونترول قىلىش سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

چىن چۈەنگو يەنە ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»، «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش»، «دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش» قاتارلىق ئىبارىلەرنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

خىتاي رېجىمى ئالدىنقى بەش يىللىق پىلانى مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر تېررور سىياسىتىنى ئىجرا قىلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا سەككىز مىليوندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرىغا قامىغاندىن سىرت، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتايلاشتۇرۇش، جۈملىدىن ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتىنى كۈچەپ ئىجرا قىلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىت چېقىۋېتىلدى ياكى بۇزۇۋېتىلدى، نەچچە مىڭلىغان دىنىي زاتلار، ئۆلىمالار ئۆلتۈرۈلدى ياكى تۈرمىگە تاشلاندى.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» قاتارلىق ناملار بىلەن، تېررور سىياسىتىنى پەردازلاشقا، بۇ ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى توختىتىشقا مەجبۇرلىغۇدەك ئەمەلى ھەرىكىتى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، خىتاي رېجىمىنىڭ تۈرلۈك بېسىملىرىغا قارىماي، شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1133 قېتىم كۆرۈلدى
17/11/2021 12:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق