خىتاينىڭ ئورگان تاراتقۇلىرى ۋە ئامېرىكا دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى سەيشەنبە خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇخبىرلارغا قويغان زىيارەت چەكلىمىسىنى ئۆزئارا بوشاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئوتتۇرىسىدىكى سىنلىق سۆھبەتتىن ئىلگىرى، خىتاي بىلەن ئامېرىكا مۇخبىرلارغا ۋىزا بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەردە بىرلىك ھاسىل قىلغان. بۇنىڭغا ئاساسەن ئامېرىكا خىتاي مۇخبىرلىرىغا بىر يىلدا كۆپ قېتىم چېگرادىن كىرىش ۋىزىسى بېرىدىكەن. خىتايمۇ ئامېرىكا ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، ئامېرىكا مۇخبىرلىرىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.
باياناتتا ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملىرىغا ئاساسەن مۇخبىرلارغا ۋىزا بېرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان بولۇپ، يەنە ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېلىشىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش شەرتى ئاستىدا، مۇخبىرلارنىڭ ئەركىن ساياھەت قىلالايدىغانلىقى ئىلاۋە قىلىنغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلار ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي تەرەپنىڭ خىتايدا تۇرۇۋاتقان ئامېرىكىلىق مۇخبىرلارنىڭ ئەركىن-ئازادە خىتايدىن ئايرىلىپ، ئامېرىكىغا قايتىپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭمۇ خىتاي مۇخبىرلىرىغا ئوخشاش قولايلىق يارىتىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
باياناتچى يەنە: «بىز بۇ ساھەدىكى ئىلگىرىلەشنى قارشى ئالىمىز، ئەمما بۇنى پەقەت دەسلەپكى تەدبىر دەپ قارايمىز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدىكى ئاخبارات مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ناچارلاشتى» دېگەن.