خىتاينىڭ ئىنتېرپولدىكى تەسىرى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ ئىنتېرپولدا ۋەزىپىگە ئېرىشىشكە ئۇرۇنۇشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىيونلارنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئىنتېرپولنىڭ (خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى) ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئورنىغا ئېرىشىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا سىياسىي ساھەدىكىلەر خىتاينىڭ ئىنتېرپولنىڭ مەلۇمات ئامبىرىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، خىتايغا قارشى شەخسلەرنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئېھتىماللىقىدىن ئەندىشە قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئىنتېرپول 23-نويابىردىن 25-نويابىرغىچە تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە يىغىن ئېچىپ، ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ يېڭى ئەزالىرىنى سايلايدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي ج خ مىنىستىرلىكى خەلقئارا ھەمكارلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇ بىنچېنمۇ نامزاتلار قاتارىدا بار بولۇپ، قالغان ئىككى نامزات سىنگاپور ۋە ھىندىستاندىن ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىنتېرپول ئىجرائىيە كومىتېتى 13 ئىجرائىيە ئەمەلدارىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار باش كاتىپ ۋە باش كاتىبات باشقارمىسىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى نازارەت قىلىش، خىزمەت پىلانى ۋە سىياسەتلەرنى تۈزۈشكە ياردەم بېرىشكە مەسئۇل ئىكەن. ئىنتېرپولدا 19 سانلىق مەلۇمات ئامبىرى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى بىر يېرىم مىليوندىن ئارتۇق خەلقئارالىق جىنايى دېلولىرىغا ئالاقىدار ئارخىپ ماتېرىيالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھەر يىلى ئىنتېرپول يولى ئارقىلىق تەخمىنەن 3000 قېتىم ياردەملىشىپ تەكشۈرۈش دېلوسىنى ئەۋەتىدىكەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئوخشىمىغان پارتىيەلەردىن تەركىب تاپقان «خىتايغا قارىتا دۆلەت ھالقىغان پارلامېنتلار ئىتتىپاقى» بۇنىڭغا ئاشكارا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خۇ بىنچېننىڭ ئىنتېرپول ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولۇپ سايلىنىشىغا قەتئىي قارشى تۇرغان. ئۇلار خىتاينىڭ بۇ تەشكىلاتتىكى ئورنىدىن پايدىلىنىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ ئىنتېرپولغا يازغان خېتىدە: «خۇ بىنچېننىڭ ئىجرائىيە كومىتېتىغا سايلىنىشى خىتاينىڭ ئىنتېرپولنى داۋاملىق سۇيىئىستېمال قىلىش قىلمىشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىپ، خوڭكوڭلۇقلار، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر قاتارلىق چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان خىتايغا قارشى شەخسلەرگە بولغان خەۋپى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ» دېيىلگەن ۋە بۇ يىل 7-ئايدا ماراكەشتە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ياش ئىدرىس ھەسەننى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن.

قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر تەشكىلاتى 15-نويابىر ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2000-يىلدىن 2020-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي چىقارغان «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» ئون ھەسسە كۆپەيگەن.

بۇ خەۋەر 689 قېتىم كۆرۈلدى
17/11/2021 11:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق