فىرانسىيە پىرېزىدېنت كاندىداتى: مۇسۇلمان كۆچمەنلەر بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزگە تەھدىت

فىرانسىيە پىرېزىدېنت سايلىمىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پىرېزىدېنت كاندىدات ئەزاسى ئېرىك سىيۇتى ئەرەب ۋە مۇسۇلمان كۆچمەنلىرى فىرانسىيەدىكى يەھۇدىي-خىرىستىيان مەدەنىيىتىگە تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دۈشەنبە كۈنى فىرانسىيە پىرېزىدېنت سايلىمىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن سايلامغا ئىشتىراك قىلغان 5 كاندىدات نامزاتنىڭ بىرى ئېرىك سىيۇتى «BFMTV» قانىلى پىروگراممىسىدا سۆز قىلىپ، ئەرەب ۋە مۇسۇلمان كۆچمەنلىرىنىڭ فىرانسىيەدىكى يەھۇدىي -خىرىستىيان مەدەنىيىتىگە تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئېرىك سىيۇتى يەنە، كۆچمەنلەر مەسىلىسى بۈگۈنكى كۈندە فىرانسىيەنىڭ ئالدىن ئويلىنىشىغا تېگىشلىك مەسىلىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، كەلگۈسىدىكى فىرانسىيەنىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش، مەرىپەتپەرۋەر دۆلەت ۋە يەھۇدىي-خىرىستىيان مەدەنىيىتىنىڭ ئۇلى بولۇپ قېلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە فىرانسىيەنىڭ ئوخشىمىغان مەدەنىيەتتىكى كۆچمەنلەرنى كەڭ كۆلەمدە قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئەرەب ۋە ئىسلام ئەللىرىدىن كەلگەنلىكىنى، بۇ دۆلەتتە 5 يىل تۇرغان كىشىلەرنىڭ گىراژدانلىققا ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ مۇددەتنى ئاز دېگەندە 10 يىلغا ئۇزارتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە، خانىم-قىزلارنىڭ ھىجابىنى كۆچمەنلەر بىلەن باغلاپ، ھىجابنى ئىسلامنىڭ سىياسىي سىمۋولى ۋە بەلگىسى دەپ تەسۋىرلىگەن ۋە كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىشنى توختىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، فىرانسىيەنىڭ ئۆز زېمىنىدا كىمنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بەلگىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ خەۋەر 713 قېتىم كۆرۈلدى
16/11/2021 15:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق