شى جىنپىڭ بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېن سىنلىق سۆھبەت قىلغان بولۇپ، شى جىنپىڭ سۆھبەتتە ئىككى تەرەپنى ئويۇن ئوينىماسلىققا چاقىرىپ، «يەر شارى خىتاي ۋە ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىل، ھەمدە بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك» دېگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېن سەيشەنبە كۈنى 3 سائەتتىن ئارتۇق سىنلىق يىغىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، سۆھبەتتە خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىي ۋەزىيەت ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە تولۇق پىكىر ئالماشتۇرغان.
سۆھبەتتە شى جىنپىڭ: «خىتاي بىلەن ئامېرىكا چوقۇم ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشى، ئىككى تەرەپ ئويۇن ئوينىماسلىقى، سەن ئۇتتۇرۇپ قويدۇڭ، مەن غەلىبە قىلدىم دېمەسلىكى كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق سىنلىق ئۇچرىشىش ئۈچ سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن ئاخىرلاشقان بولۇپ، شى جىنپىڭ سۆھبەت جەريانىدا: «خىتاي ۋە ئامېرىكىنىڭ ئۆز يولىدا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، تىنچ ۋە مۇقىم خەلقئارا مۇھىتنى قوغداش، جۈملىدىن كىلېمات ئۆزگىرىشى ۋە ۋىرۇس يۇقۇمى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەندىن باشقا، تەيۋەن مەسىلىسىدە ئىنتايىن سەزگۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ «تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بۆلگۈنچى كۈچلەر بىزگە قۇتراتقۇلۇق قىلسا، بىزنى سىناپ بېقىشقا ۋە قىزىل سىزىقنى دەپسەندە قىلسا، خىتاي ھەل قىلغۇچ تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.
پىرېزىدېنت جو بايدىن بولسا، ئامېرىكىنىڭ «بىرلا خىتاي» سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدىغانلىقىنى ۋە تەيۋەن بوغۇزىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىشقا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شى جىنپىڭ بىلەن ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئوچۇق - يورۇق ۋە سەمىمىي سۆھبەتلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، رەھبەرلەرنىڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى بارلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتكە ئوخشاشلا پۈتكۈل دۇنياغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئورتاق تونۇشنى ئاساس قىلىدىغان يېتەكچى پىكىر لىنىيەلىرىنى بېكىتىپ چىقىشىمىز، ئوخشىماسلىقلىرىمىز مەسىلىسىدە ئوچۇق-يورۇق ۋە سەمىمىي بولۇشىمىز دېگەندەك مەسىلىلەرنى تىلغا ئالغان.
بايدېن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ سىنلىق ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، ئاقساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئىككى رەھبەر، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەرنىڭ ماھىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى ۋە رىقابەتنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.»
بايدېننىڭ، ئامېرىكىنىڭ ئۆز مەنپەئەتلىرى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى داۋاملىق قوغدايدىغانلىقىنى، ئىتتىپاقداشلار ۋە شېرىكلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، 21-ئەسىردىكى يول خەرىتىسىنىڭ ئەركىن، ئوچۇق-يورۇق ۋە ئادىل خەلقئارا سىستېمىغا يېتەكچىلىك قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكىنىڭ، خىتاينىڭ ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، تىبەت ۋە خوڭكوڭدا يولغا قويۇۋاتقان سىياسىتىنى ۋە ئومۇمەن كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى پوزىتسىيەسىگە دائىر ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، خىتاينىڭ ئادالەتسىز سودا ۋە ئىقتىسادىي بەلگىلىمىلىرىگە قارشى ئامېرىكىنىڭ سانائىتى ۋە ئامېرىكىلىق خىزمەتچى-خادىملارنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئەركىنلىك ۋە ئوچۇق-يورۇق مۇھىتنى ساقلاشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.