ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى پارلامېنت ئەزالىرى سۇنغان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىش تەكلىپىنى رەت قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 16-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى پارلامېنتتىكى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلىش تەكلىپىنى رەت قىلغان ھەمدە شەرقىي تۈركىستاندىن پاختا ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشكە قوشۇلمىغان. ئەمما غەربنىڭ يېڭى ئۇل ئەسلىھە پىلانىنىڭ خەلقئاراغا ماس كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەنگلىيەنىڭ بىر پارلامېنت ئەزاسى مەبلەغ سېلىش شىركىتى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستانغا نازارەت قىلىش تېخنىكىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارالغان شىركەتكە مەبلەغ سالغانلىقى ھەمدە مەزكۇر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ مەزكۇر شىركەتكە مەسلىھەتچى ئىكەنلىكى بايقالغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى پارلامېنتنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى تەكلىپىگە جاۋاب بەرگەن بولۇپ، ھۆكۈمەت جاۋابىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى بۇ يىل 7-ئايدا شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، 36 تۈرلۈك تەكلىپ سۇنغان. بۇ كومىتېت 14-نويابىر ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر تەكلىپكە بەرگەن جاۋابىنى ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بىر قانچە مۇھىم تەكلىپكە قارشى تۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسى بۇ يىل 4-ئايدا چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولمىغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بولسا كومىتېتنىڭ دوكلاتىغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىدە كۈچلۈك ئىسپاتلارنىڭ بارلىقىنى، خىتاينىڭ چوقۇم جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى، ئەمما ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قىلمىشلارنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتمەيدىغانلىقىنى، بەلكى ئۇنى ئىشەنچلىك خەلقئارا ئەدلىيە تەرتىپىگە تاپشۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇ كومىتېت بەرگەن تەكلىپىدە يەنە ئەنگلىيەنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشنى ئويلىشىشىنى تەۋسىيە قىلغان. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تەكلىپكە بەرگەن جاۋابىدا خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى، ئەمما خەلقئارالىق شېرىكلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، تەمىنلەش نۇقتىسىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇندىن باشقا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى يەنە ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە سىياسىي پاناھلىق بېرىشنى تېزلىتىش يولىنى ئېچىش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى، شۇنداقلا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش توغرىسىدا ئاخىرقى قارارنىڭ يوقلۇقىنى قەيت قىلغان.
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى توم تۇگېندات ھۆكۈمەتنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىشنى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش تەكلىپىنى رەت قىلغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ئېيتقان.