ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق خىتاي باش ئەلچىخانىسى يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكا شىركەت باشقۇرغۇچىلىرىغا قارىتىلغان پائالىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئۇلاردىن پارلامېنت ئەزالىرىغا خىزمەت ئىشلەپ تەيۋەن ھەققىدە خىتايغا قارشى قانۇن لايىھەسى سۇنۇشتىن ۋاز كېچىشكە تىرىشىشنى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 14-نويابىردىكى خەۋىرىدە، مۇخبىرلارنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ لوبىچىلىق پائالىيىتىنى بىلىدىغان تۆت كىشىدىن ئىگىلىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىخانىسى ئامېرىكا سودا جەمئىيىتىدىكى تەسىرى كۈچلۈك كىشىلەر بىلەن كەڭ تۈردە ئالاقە قىلىپ، مەكتۇپ ئەۋەتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇلارنى پارلامېنت ئەزالىرىنى خىتايغا قارشى تەكلىپ سۇنماسلىققا قايىل قىلىشقا چاقىرغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا سودىگەرلىرىگە خەت ئەۋەتكۈچى دەل خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئىقتىساد ۋە سودا ئىشخانىسى ئىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرى ئامېرىكا شىركەتلىرىگە تەھدىت سېلىپ، ئەگەر مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار تەستىقلىنىپ قالسا بۇ شىركەتلەرنىڭ تىجارەت كىرىمى ۋە خىتايدىكى بازاردىن ئالىدىغان مەنپەئەتتىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ مەكتۇپىنى تاپشۇرۇۋالغان بىر قىسىم كىشىلەر بىئارام بولغان بولۇپ، ئەگەر ئۇلار ئامېرىكا پارلامېنتى ئەزالىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا ئالاقە قىلسا ئۆزلىرىنىڭ چەتئەل ۋاكالەتچىلىرىنى تىزىملاش قانۇنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغان بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇ سەۋەبلىك ھېچكىم خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان ياكى كۆرگەنلىكىنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىنى خالىمىغان.
خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىنقى ئايدا يوللىغان مەكتۇپىدا: «بىز سىلەردىن پارلامېنت ئەزالىرىنى ئىدىيە جەھەتتىكى بىر تەرەپلىمىلىك قاراشتىن ۋاز كېچىپ، خىتايغا قارشى قانۇن لايىھەسىنى تەشۋىق قىلىشنى توختىتىش ياكى سەلبىي ماددىلارنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە ئۈندەشتە ئاكتىپ رول ئوينىتىشىڭلارنى سورايمىز. شۇنداق قىلالىساق ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقىدا ياخشى شارائىت ياراتقىلى بولىدۇ» دېيىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بارلىق خىزمەتچىلىرى ئامېرىكا سودا جەمئىيىتى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىپادىلەرنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىكى دېموكراتچىلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بۇ يىل 6-ئاينىڭ 8-كۈنى «ئامېرىكىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە رىقابەت قانۇنى» غا بىردەك قوللاپ بېلەت تاشلىغان. بۇ قانۇن لايىھەسىدە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە خىتاينىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىشقا مەبلەغ سېلىش تەكىتلەنگەن.