خىتاي جىنايى قىلمىشلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنماقتا

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرى ئەمگەك سىياسىتى خەلقئارا جەمئىيەتتە ئاشكارا بولۇپ كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كەلگەن بىر پەيتتە، شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئەمەلدارلار يالغان تەشۋىقاتلىرىنى كۆپەيتىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.

خىتاي تور خەۋەرلىرىنىڭ ‏14-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئەمەلدارلىرى ئۈرۈمچىدە، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ئىش ھەققى بەرمەي ئەمگەك قىلىشقا مەجبۇرلاش قىلمىشلىرىنى ئىنكار قىلغان.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا سۆز قىلغان يىغىن رىياسەتچىسى خۇجىچۈن خەلقئارادا ئىسپاتلانغان مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىپ، ھەقىقەتنى بۇرمىلىغان ھالدا بىلجىرلاپ: «ئامېرىكا ۋە قىسمەن غەرب ئەللىرى ئېلان قىلغان خەۋەرنىڭ ئاساسى يوق، پۈتۈنلەي توقۇلما» دېگەن.

خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش مەقسىتىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاساسى قاتلامدىن بىر قورچاق ئەمەلدار بىلەن يەتتە ئۇيغۇرنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتۇرغان. يىغىندا كۇچا شەھىرى چىمەن يېزا غەلىبە كەنتى 5-گۇرۇپپىدىن جەمىلەم ماخمۇت ۋە باشقا ئالتە ئۇيغۇرنى ئاتالمىش «ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەش» نامىدا، خىتاي دائىرىلىرى تەييارلاپ بەرگىنى بويىچە، يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى سەۋەبلىك ئائىلە ئەھۋالىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى، شىنجاڭدا تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئەھۋالى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى دەۋا قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر خەلقئارا جەمئىيەت شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرى ئەمگەكنىڭ ئېچىنىشلىق داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە ئالاقىدار شىركەت ۋە ئورگانلىرىنى جازالىغانلىقىنى، نۇرغۇن خىتاي شىركەتلىرى ئىمبارگو سەۋەبلىك ۋەيران بولغانلىقىنى، خىتاي شۇ سەۋەبلىك جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن يالغان تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتكەنلىكىنى، خىتاي بۇ خىل ۋاستىلەر بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالدىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 798 قېتىم كۆرۈلدى
16/11/2021 14:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق