قورچاق ئەمەلدارلار جىنايەتلىرىنى يەنە ئىنكار قىلدى

قورچاق ئەمەلدارلار شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقىنى ئىنكار قىلدى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە،  خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئەمەلدارلىرى ئۈرۈمچىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھەمدە تۈرمە ۋە لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقىنى ئىنكار قىلغان.

يىغىندا سۆز قىلغان ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قورچاق ئەمەلدار ئەركىن سامساق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا  قىلىۋاتقان باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش، مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق قىلمىشلىرىنى ئىنكار قىلغان. قورچاق ئەمەلدار ئەركىن سامساق خەلقئارادا ئاشكارىلىنىپ ھەقىقەتكە ئايلانغان پاكىتلارنى بۇرمىلىغان ھالدا بىلجىرلاپ: «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سالدى دېگەن گەپلەرنىڭ ئاساسى يوق، شىنجاڭدا ئەمگەكچىلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ، ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللايدۇ، خەلقنىڭ ئۆرپ-ئادەت، دىنىي ئېتىقاد، ئەمگەك ھەققى ھوقۇقى قانۇن بويىچە قوغدىلىدۇ» دېگەن.

خىتاي خەلقئارادا ئاشكارىلانغان ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىش، لاگېردا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلىرى مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش مەقسىتىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، كورلا قاتارلىق جايلاردا ئالدىن تەييارلانغان ئالتە كىشىنى سىن ئارقىلىق سۆزلەشكە مەجبۇرلىغان. ئۇلار بىردەك قورچاق ئەمەلدارلار تەييارلاپ بەرگىنى بويىچە، دۇنيا خەلقىگە ئېنىق ئايان بولغان ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر خەلقئارا جەمئىيەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىپ يېتىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى» دەپ سۈپەتلەشكە باشلىغان بىر پەيتتە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن يالغان تەشۋىقاتلارنى قاتتىق كۈچەيتكەنلىكىنى، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشى ھەمدە تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 995 قېتىم كۆرۈلدى
15/11/2021 16:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق