ئەنگلىيە مۇسۇلمانلىرى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى

ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەۋاتقان بىر پەيتتە، ئەنگلىيەدىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، 5000 كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزدى.

مەزكۇر بىرلىك 50 دىن ئارتۇق تەشكىلاتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەس تۇر» شوئارى بىلەن كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتىنى ئەيىبلىگەن.

نامايىش 13-نويابىر لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن مانچېستېردىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ. نامايىشچىلار خىتاينى ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختىتىشقا چاقىرغان. نامايىشتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە قۇلاق يوپۇرۇۋالغان ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان دىققىتىنى قوزغىتىش مەقسەت قىلىنغان.

نامايىشقا ئەنگلىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەر ۋە رايونلىرىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئەنگلىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ مىراس مەركىزى، ئەلئەنسار مەسچىتى، بىراكىنېل ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى، ئەلمەرىفەھ فوندى جەمئىيىتى، نوربۇرىي مۇسۇلمانلار تىنچلىق مەركىزى، شەرقىي لوندون مەسچىتى ۋە لوندون مۇسۇلمانلار مەركىزى، گىرلىڭتون مۇسۇلمانلار پاراۋانلىق جەمئىيىتى قاتارلىق 50 دىن ئارتۇق تەشكىلات ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، نامايىشتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىغا قارشى بايانات ئېلان قىلىنغان ۋە «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەندەك شوئارلار توۋلانغان.

 

نامايىشتىن بۇرۇن «21-ئەسىردىكى ئىسلام» ناملىق تور بەت «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەس تۇر» نامىدا چاقىرىق ئېلان قىلغان بولۇپ، نامايىشچىلار ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق چۈشۈرۈلگەن مايكىلارنى كىيىپ، نامايىشقا قاتناشقان.

بۇ خەۋەر 854 قېتىم كۆرۈلدى
15/11/2021 16:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق