ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دىكتورلۇق ۋە نۇتۇق كۇرسى باشلاندى

تۈركىيە يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئىستانبۇل شۆبىسى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەخسۇس ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان دىكتورلۇق ۋە نۇتۇق كۇرسى 14-نويابىر رەسمىي باشلانغان بولۇپ، تىزىملاش ھېلىھەم داۋام قىلماقتا.

مەزكۇر كۇرس 3 ئاي داۋام قىلىدىغان ۋە پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ، ھەر يەكشەنبە كۈنى سائەت 14:00 دە ئۇيۇشمىنىڭ ئىستانبۇلدىكى شۆبىسىدە يۈز تۇرانە ئۆتۈلىدۇ.

مەزكۇر كۇرس ئىككى سەۋىيە ئاساسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، 1-سەۋىيەدە تەلەپپۇز توغرىلاشتىن مىكروفونغىچە تېمىسى ئاستىدا، راۋان ۋە توغرا تەلەپپۇر قىلىشنىڭ سىرلىرى، ئوسمانلىچىنىڭ توغرا تەلەپپۇزغا تەسىرى، يېزىق تىلى ۋە ئېغىز تىلى، ئىستانبۇل تۈركچىسىنىڭ تەلەپپۇزى، ئۆلچەملىك نەپەس، ئېنتوناتسىيە قاتارلىق تېمىلار ئۆتۈلىدۇ.

2-سەۋىيەدە بولسا، نۇتۇقتىن سىياسەتكىچە تېمىسى ئاستىدا، ھاياجاننى تىزگىنلەش، سەھنىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار، شېئرى سۆز قىلىشتا ئۈچ مۇھىم ئامىل، نۇتۇق قابىلىيىتى يۇقىرى سىياسەتچىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى، خەلق ئالدىدا تەسىرلىك نۇتۇق سۆزلەشنىڭ سىرلىرى قاتارلىق تېمىلار دەرس قىلىنىدۇ.

دەرسنى ئوقۇتقۇچى، شائىر ۋە رىياسەتچى ئۆزگۈر چوبان ئەپەندى ئۆتۈدىغان بولۇپ، دەرس ئاخىرلاشقاندا ئىمتاھان ئېلىنىپ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغانلارغا ۋە دەرسكە تولۇق قاتناشقانلارغا تۈركىيە يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن گۇۋاھنامە بېرىلىدۇ.

 

ئالاقىلاشقۇچى: ئىمران سادائى 

تېلېفۇن: 05524748188

بۇ خەۋەر 887 قېتىم كۆرۈلدى
15/11/2021 15:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق