ئەلگە تونۇلغان شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن ۋاپات بولدى

ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ پېشۋالىرىدىن بىرى بولغان داڭلىق شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن بۈگۈن (13-نويابىر) ۋاپات بولدى.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆپلىگەن شېئىرلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن، داڭلىق شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن بۈگۈن 81 يېشىدا ۋاپات بولغان.

مۇھەممەتجان ﺭﺍﺷﯩﺪﯨﻦ 1940-ﻳﯩﻠﻰ 19-ئىيۇن ﻏﯘﻟﺠﺎ ناھىيەسى ﺋﺎﻧﻴﺎﺭﻳﯜﺯﻯ ﻳﯧﺰىسىدا دېھقان ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ، تولۇقسىز ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻨﻰ ﺷﯘ ﻳﯧﺰﯨﺪﺍ ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ، 1955-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1958-ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ تېخنىكومىدا ئوقۇغان. ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ كېيىن 1968-ﻳﯩﻠﻰ 7-ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﭼﺎﭘﭽﺎﻝ ناھىيەسى ﯞﻩ ﻏﯘﻟﺠﺎ ناھىيەسى ﺋﺎﻧﻴﺎﺭﻳﯜﺯﻯ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﻖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. 1968-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ «ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺯﻭﺭ ئىنقىلابى»ﻧﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ، 1982-ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﻩ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ. 1982-ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻏﯘﻟﺠﺎ ناھىيەلىك 1-ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺗﯩﻞ-ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﺩﯨﺮ بولۇپ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ. 2003-ﻳﯩﻠﻰ 3-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ.

 مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1958-يىلىدىن تارتىپ باشلانغان بولۇپ، مىڭ پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، 20 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، پوۋېست ۋە  ئەسلىمىلىرىنى ئېلان قىلغان. بولۇپمۇ 1980-يىللىرىدىن كېيىن شائىر ئىجادىيىتىدە مول-ھوسۇللۇق دەۋرنى كۈتۈۋالغان. مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ بۇ ئىجادىيەتلىرى «كاككۇك گۈلى»، «يىللار ئىزى»، «كۈنلەر ئالبومى»، «ئانا يەر قەسىدىسى»، «ئۆمۈر ئىلھاملىرى»، «ھايات دېگەن مانا شۇ»، «ئانا تاغلار» دېگەن ناملاردا توپلام  قىلىنىپ نەشر قىلىنغان.

ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺭﺍﺷﯩﺪﯨﻨﻨﯩﯔ شېئىرلىرى تىلىنىڭ ئاممىبابلىقى، ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ يېقىنلىقى بىلەن خەلقنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولغان بولۇپ، كۆپلىگەن شېئىرلىرى ناخشا تېكىستى قىلىپ ئوقۇلغان. ئۇ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ-ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺋﯜﭺ ﻗﯧﺘﯩﻢ «ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ»ﻏﺎ ئېرىشكەن.

مەرھۇم شائىرنىڭ مۇسىبەت خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر خەلقىنى قاتتىق قايغۇغا سالدى. ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن مەرھۇمغا تەزىيە بىلدۈرۈشتى.

بۇ خەۋەر 1217 قېتىم كۆرۈلدى
13/11/2021 15:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق