تۈرك كېڭىشىنىڭ باش كاتىبات بىناسى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى

تۈرك كېڭىشىنىڭ باش كاتىبات بىناسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بۈگۈن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، تەشكىلاتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسى بۇ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدا ئەزەربەيجاندىن تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىكەن.

تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان تۈرك كېڭىشى باش كاتىبات بىناسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، تۈرك كېڭىشى رەھبەرلىرى تۈرك كېڭەش باش كاتىبات بىناسىدا لېنتا كەسكەن.

بۇ قېتىملىق يېغىنىدا ھەرقايسى دۆلەت باشلىقلىرى «ئىستانبۇل خىتابنامىسى»، تۈرك كېڭىشىنىڭ 8-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاخىرقى ھۆججىتى ۋە بىر قاتار قارارلارغا ئىمزا قويىدىكەن.

تۈرك تىلى سىستېمىسىدىكى دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى (تۈرك كېڭىشى) يىغىنىغا باشلىقلار ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيوف، قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توقايوف، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپاروف، ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويوف، تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى قۇربانكولۇ بېردىمۇھەممەدوف، ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان ۋە مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ تۈرك باش كاتىپى باغدات ئامرېيوف قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشقان.

كېڭەش يىغىنىدا «رەقەملىك دەۋردىكى يېشىل تېخنىكا ۋە ئەقلىي شەھەرلەر» تېمىسى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ تېمىدا تۈرك دۇنياسىنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مۇھىم قارارلار چىقىرىلىدىكەن. بۇ قېتىملىق يىغىندا يەنە تۈرك دۇنياسىنىڭ 2040-يىلىغىچە بولغان تەرەققىيات تەسەۋۋۇرى تەستىقلىنىپ قارار چىقىرىلىدىكەن.

بۇ قېتىم تۈركمەنىستان كۆزەتكۈچى ئەزا سۈپىتىدە بۇ تەشكىلاتقا قاتناشقان بولۇپ، ئۈچىنچى دۆلەت ۋە ئورگانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بېكىتىش ۋە كۆزەتكۈچى ئەزا بولۇش ئۆلچىمى، تۈرك مەبلەغ فوندى تەسىس قىلىش، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشانى ۋە پىروگراممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «تۈرك دۇنياسى 2040 تەسەۋۋۇرى» قاتارلىقلار تەستىقلىنىدىكەن. ئۇندىن باشقا يىغىندا يەنە رەھبەرلەر نۆۋەتتىكى رايون ۋە خەلقئارالىق سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتلار ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن.

بۇ خەۋەر 1114 قېتىم كۆرۈلدى
12/11/2021 14:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق