خىتاي بۇ يىل دىۋىزىيەگىلا 70 مىڭدىن ئارتۇق خىتاينى يەرلەشتۈرگەن

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانىغا ئاساسەن يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شەرقىي تۈركىستاندىكى دىۋىزىيە رايونلىرىغا 71 مىڭ 500 خىتاي خىزمەت تەمىناتى بىلەن يەرلەشتۈرۈلگەن.

دىۋىزىيە گېزىتىنىڭ 10-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بەشىنچى دىۋىزىيە رايونىغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يەرمەنكىسىنى تەشكىللەپ ئېلان تارقاتقان بولۇپ، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 71 مىڭ 500 خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم بولغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي نويابىر ئېيى كىرگەندىن بېرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن شەرقىي تۈركىستانغا نوپۇس يۆتكەش تەرتىپىنى ئاسانلاشتۇرغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق كۈنمىڭ، گەنسۇ، چىڭخەي، يۈننەن ئۆلكىلىرىدىن خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستان بىلەن تىبەتكە تېخىمۇ كۆپلەپ يەرلەشتۈرۈشنى پىلانلىغان. 

خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا خىتايلارنى كۆپلەپ يەرلەشتۈرۈش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسىنى يېڭىلاپ تەسىس قىلغان. بۇ پىلاننى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاتالمىش «شەخسىي كارخانىلارنى تەكلىپ قىلىش ئېيى»، «ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېيى» نامىدا پائالىيەت تەشكىللەپ، خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرغان. ئۇندىن باشقا بىڭتۈەننىڭ زاۋۇتلىرىنى ياردەم مەبلىغى بىلەن تەمىنلەپ، بىڭتۈەن مالىيەسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش تولۇقلىمىسىدىن 639 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، كارخانىلارغا ياردەم بېرىش ۋاسىتىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا جەلپ قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ بىر تەرەپتىن خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئىقتىسادىي ياردەم ۋە ئېتىبار سىياسەتلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيەنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1198 قېتىم كۆرۈلدى
12/11/2021 12:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق