ئامېرىكا تاشقى ئىشلار باياناتچىسى: خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان جىنايىتىنى توختىتىشى كېرەك

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى نېد پىرايس تىۋىتتېر ھېسابىدا خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى.

ئامېرىكا قىرغىنچىلىق خاتىرە مۇزېيى ئالدىنقى كۈنى يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر قاراتقان جىنايىتىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار باياناتچىسى نېد پىرايس سەيشەنبە تىۋىتتېر ھېسابىدا مەزكۇر دوكلاتنى ھەمبەھرىلىگەن ھەمدە خىتاينى ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى توختىتىشقا چاقىرغان.

ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان خىتاينىڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، تۈرلۈك يوسۇندا كەمسىتىلگەنلىكىنى، نەچچە مىليون خەلقنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ۋە ئۇلارغا ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى ئىجرا قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

بۇ خەۋەر 944 قېتىم كۆرۈلدى
12/11/2021 12:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق