شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان بايلىقلار چەت ئەلگە كۆپلەپ توشۇلماقتا

خىتاي يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇنىڭغا ماس ھالدا چەت ئەلگە قاتنايدىغان تۆمۈر يول لىنىيەلىرىمۇ داۋاملىق كۆپەيگەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 7-نويابىر تۇنجى كورلا-تۈركىيە-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قورغاس پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىققان. پويىزغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ داڭلىق يەرلىك قەغەز ياڭىقىدىن 870 توننا قاچىلانغان بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك پويىز 13 كۈندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ مېرسىن پورتىغا يېتىپ كېلىدىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر نۆۋەتچى پويىز كورلا شەھىرىدىن يولغا چىقىدىغان بولۇپ، كورلا-ياۋروپا نۆۋەتچى مەخسۇس پويىزى تۇنجى قېتىم يولغا قويۇلغان. كورلا ۋوگزالى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى ھەمدە مال يىغىش-تارقىتىش ئورنى بولۇپ، كورلا-ياۋروپا لىنىيەسى ئىشقا كىرىشكەندىن كېيىن، ياڭاق، چىلان، پەمىدۇر قىيامى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى مەخسۇس پويىز بىلەن ياۋروپا توشۇلىدىكەن.

قورغاس تاموژنىسى  خادىملىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېقىندىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندىن قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ سانى ئارقا-ئارقىدىن كۆپەيتىلىپ، ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى لىنىيەسىنىڭ قاپلاش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيگەن. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خىتاي يەنە تۇرپاندىن رۇسىيەگە، قورغاستىن موسكۋاغا، كۇيتۈندىن تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە قاتنايدىغان ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى لىنىيەلىرىنى تەدرىجىي كۆپەيتكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بايلىقلارنى پۈتۈنلەي ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىپ كەلگەنلىكىنى، ئەسلى ئىگىسى بولغان يەرلىك خەلقنىڭ ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، نۆۋەتتە قاتناش لىنىيەسىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى، شۇنداقلا مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەت ئەلگە توشۇشنى كېڭەيتكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1142 قېتىم كۆرۈلدى
12/11/2021 11:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق