ئامېرىكا: خىتاي تەيۋەنگە ھەربىي كۈچ ئىشلەتسە ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتىمىز

خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان تەھدىت ھەرىكىتى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن خىتاينى قورال كۈچى ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن چارشەنبە خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئەگەر خىتاي ھەربىي كۈچ ئىشلىتىپ، تەيۋەننىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنىدىكەن، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ» دېگەن.

بىلىنكېن نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى تەشكىللىگەن بىر مۇنبەردە «ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا، ئامېرىكا تەيۋەننى قوغداش ئۈچۈن ئۇرۇشقا ئاتلىنامدۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان مەيدانىنى، يەنى ئامېرىكىنىڭ رولىنىڭ ئامېرىكا قانۇنىدىكى تەلەپلەرگە ئاساسەن تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بىلىنكېن سۆزىدە يەنە: «مېنىڭچە بۇ رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىردىنبىر دۆلەت ئامېرىكا ئەمەس. بۇ رايون ياكى باشقا رايونلاردىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ھەربىي كۈچ ئىشلىتىپ، ھازىرقى ھالەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدىغان ھەر قانداق بىر تەرەپلىمە ھەرىكەتنى تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە زور تەھدىت، دەپ قارايدۇ. بۇ خىل ھالەتكە قارشى ئۇلارمۇ تەدبىر قوللىنىدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىن بىلەن شى جىنپىڭ يېقىندا تور يىغىنى ئېچىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ ئىشتىن خەۋەردار كىشى مەزكۇر يىغىننىڭ كېلەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 787 قېتىم كۆرۈلدى
11/11/2021 15:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق