خىتاي ئۇيغۇرلارنى يەنە نامەلۇم دورىلارنى ئىچىشكە مەجبۇرلىماقتا

يېقىندىن بېرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ۋىرۇس يۇقۇمى قايتىدىن باش كۆتۈرگەن، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالمىغان بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يەنىلا نامەلۇم دورىلارنى ئىچىشكە مەجبۇرلىغان.

ئالدىنقى كۈنلەردە تارقالغان بىر سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش باھانىسى بىلەن ئۆيمۇئۆي ئارىلاپ كىرىپ، ئۇيغۇرلارنى نامەلۇم دورىلارنى ئىچىشكە مەجبۇرلىغان ۋە ئۇلارنىڭ دورىنى ئىچكەن-ئىچمىگەنلىكىنى يانفوندا سىنغا ئېلىش ئارقىلىق نازارەت قىلغان.

سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، دورا ئىچۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن خىتاي خادىملار خەلقنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان. سىنغا ئالغان كىشى خىتاي خادىملارغا ئۆزلىرىنىڭ ئالدىنقى كۈنى مۇشۇ خىل دورىنى ئىچىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى، دورىنى ئىچكەندىن كېيىن، كۆڭلى ئېلىشىش، باش قېيىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەرنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە: «پۇقرالارنى مۇشۇنداق دورىلارنى ئىچىشكە مەجبۇرلىسا بولامدۇ... بۇ دورىلار كېسەل داۋالايدىغان، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالدىغان ئىش بولسا، ۋاكسىنا ئەملىتىپ نېمە قىلىدۇ؟ ھەركۈنى تېلېفون بىلەن بىزنىڭ دورا ئىچىشىمىزنى نازارەت قىلىسىلەر...» دېگەن.

خىتاي دائىرىلىرى 2020-يىلىمۇ ۋىرۇس باھانىسى بىلەن ئۇيغۇرلارغا نامەلۇم دورىلارنى مەجبۇرىي ئىچۈرگەن بولۇپ، مەزكۇر دورىلارنىڭ مەخپىي تۇتۇلۇشى ۋە مەجبۇرىي ئىچۈرۈلۈشى خىتاينىڭ مەقسىتى ھەققىدە كۈچلۈك گۇمان قوزغىغان ئىدى.

ئالدىنقى يىلى بىر ئايدىن كۆپرەك جازا لاگېردا قامالغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بىر ئۇيغۇر ئايال ئامېرىكا ئاۋازى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ھەر كۈنى بىر قېتىم ئۆيىگە كېلىپ، ھېچقانداق چۈشەندۈرۈشى بولمىغان دورىنى ئىچىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى، ئەگەر ئىچمىسە يەنە قاماپ قويىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. كېيىن مەجبۇرىي ئىچۈرۈلگەن دورىنىڭ «ليەنخۇا چىڭۋېن» دەپ ئاتىلىدىغان خىتاي تېبابىتى دورىسى بولۇپ چىققان. ھالبۇكى، ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مەزكۇر دورىنىڭ خىتاي ۋىرۇسىغا قارىتا ھېچقانداق داۋالاش ئۈنۈمى يوقلۇقىنى بېكىتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ پەقەتلا ئالدامچىلىق ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغانىدى.

بۇ خەۋەر 1123 قېتىم كۆرۈلدى
11/11/2021 15:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق