دوكلات: خىتاي چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشنى كۈچەيتتى

ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا سوزغان قارا قولى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئىزچىل تۈردە زىيانكەشلىك قىلىپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. بۇ ھەقتە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىلەن ئوكۇس ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرى جەمئىيىتى 10-نويابىر بىرلەشمە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دۆلەت ھالقىغان زىيانكەشلىك قىلمىشىنىڭ 2017-يىلدىن باشلاپ شىددەت بىلەن كۈچەيگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

باش ئىشتابى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي 2002-يىلدىن باشلاپ، چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىش، دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش، كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي بۇ جىنايى قىلمىشىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كېڭەيتكەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئاساسلىق زىيانكەشلىك قىلىش نىشانىغا ئايلانغان. ئۇلارنىڭ شەخسىي ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقى داۋاملىق تەھدىتكە ئۇچرىغان. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشى پەقەت شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغانلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان بولۇپ، گەرچە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىدىن قېچىپ، دېموكراتىك دۆلەتلەرگە كۆچۈپ كەلگەن بولسىمۇ، يەنىلا خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلالمىغان.

مەزكۇر دوكلات ئەركىن دېموكراتىك دۆلەتلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ۋەقەلىرىگە ئالاقىدار 5530 دىن ئارتۇق ئەمەلىي مىسالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ئاساسىدا يېزىلغان.

تەتقىقاتچىلار بۇ ھەقتە: «خىتاينىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. خىتاينىڭ تاكتىكىسى ھەر خىل بولۇپ، ئۇيغۇرلار كۈندىلىك ئۈچ ۋاق تاماقلىرىدىمۇ بىخەتەرلىك تەھدىتىگە ئۇچرىغان. خىتاي چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنى ھەرخىل رەزىل سىياسىي ۋاسىتىلەر بىلەن خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىشكە ئۇرۇندى. ھەتتا نۇرغۇن ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلدى» دېگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىلەن ئوكۇس ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرى جەمئىيىتى بۇ يىل ئىيۇن ئېيىدىمۇ خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغانىدى. دوكلاتتا 1997-يىلدىن 2021-يىلغىچە 28 دۆلەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قولغا ئېلىش، چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ۋەقەلىرىدىن 1546 سىگە قاراپ چىقىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھۇجۇمىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا قانداق باشلىنىپ، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىن ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغىچە تېزلىكتە كېڭەيگەنلىكى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەنىدى.

بۇ خەۋەر 847 قېتىم كۆرۈلدى
11/11/2021 15:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق