ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا قىرغىنچىلىق خاتىرە مۇزېيىنىڭ سايمىن-سىكيود ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

يېڭى شەپەق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا قىرغىنچىلىق خاتىرە مۇزېيىنىڭ سايمىن-سىكيود ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى 9-نويابىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن بولۇشىم مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

سايمىن-سىكيود ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى 9-نويابىر ئەتىگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش ۋە مەزكۇر دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، دوكلاتتا ئۇيغۇرلار بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان ئېغىر كۈنلەر بايان قىلىنغان ۋە قوغداشقا تېگىشلىك مىللەتلەر ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتمىگەندە قانداق ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقى ھەققىدە سىگنال بېرىلگەن.

سايمىن-سىكيود ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى نائومى كىكولېر خانىم 59 بەتلىك دوكلاتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر گۇۋاھچىلار، تەتقىقاتچىلار بىلەن كۆرۈش ئاساسىدا تەييارلانغانلىقىنى، دوكلاتتا خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ پاكىتلىق رەتلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارشى بۇ ھەرىكەتنىڭ كۆلىمى ۋە ئېغىرلىقىنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 737 قېتىم كۆرۈلدى
11/11/2021 14:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق