خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا 500 مىڭغا يېقىن كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جار سالدى

شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتى سەۋەبلىك قاتتىق ئەيىبلەشكە دۇچ كېلىۋاتقان خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا زور ساندىكى خەلقنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى جار سالدى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 9-نويابىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» خىتاي دائىرىلىرى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شەرقىي تۈركىستاندىكى شەھەر-بازارلاردا 440 مىڭ 500 كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، يىللىق نىشان-ۋەزىپىنىڭ %95.8 ى ئورۇندالغانلىقىنى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلاردىن 28 مىڭ 200 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقىنى جار سالغان.

خەۋەردە يەنە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلغانلىقىنى، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ھەمدە كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتكەنلىكىنى جار سالغان. ئەمما نانچىلىق كەسپىنى تىلغا ئالغاندىن سىرت، ئاتالمىش «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان» كىشىلەرنىڭ قايسى ساھەلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان.

خىتاي يېقىنقى يىللار مابەينىدە تۈرلۈك تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز تۆھمەتلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولىغان بولۇپ، نۆۋەتتە جازا لاگېرىغا قامالغان خەلقنىڭ سەككىز مىليون ئەتراپىدا ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. ئۇندىن باشقا خىتاي يەنە تۇتقۇندىن قۇتۇلۇپ قالغان خەلقنى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»، «نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» دېگەن ناملار بىلەن، خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا رايونلىرىغا سۈرگۈن قىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان. ئۇندىن باشقا يېزا-كەنتلىرىگە خىتاي زاۋۇتلىرىنى تەسىس قىلىپ، يېقىن ئەتراپتىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاي زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.

نۆۋەتتە خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا بىر تەرەپتىن مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى  داۋاملىق كېڭەيتسە،  يەنە بىر تەرەپتىن تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ھەرخىل ساختا مەيدان، شەخسلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنماقتا.

بۇ خەۋەر 842 قېتىم كۆرۈلدى
11/11/2021 14:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق