خىتاي تەقلىدىي ئامېرىكا پاراخوتى ئارقىلىق تەكلىماكان قۇملۇقىدا ئالاھىدە مەشىق ئۆتكۈزگەن

ئامېرىكىنى مەنبە قىلغان سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ئامېرىكا ئارمىيەسى تىنچ ئوكيان رايونىغا ئورۇنلاشتۇرغان كۆپلىگەن پاراخوتلارنى تەقلىد قىلىپ ياساپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى تەكلىماكان قۇملۇقىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن زەربە بېرىش مەشىقى ئۆتكۈزگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا سۈنئىي ھەمراھ شىركىتى  Maxar Technologies 7-نويابىر تارقاتقان سۈرەتلەردە تەكلىماكان قۇملۇقىدا خىتاينىڭ ئامېرىكا پاراخوتلىرىغا ئوخشاش چوڭلۇقتىكى تەقلىدىي مودېللىرى بارلىقى ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە كەم دېگەندە بىرى ئاۋىياماتكىغا ئوخشايدىكەن. يەنە بىرى قوغلىغۇچى پاراخوتقا ئوخشايدىكەن.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى تەتقىقات ئورنىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تەقلىد قىلىپ ياسالغان مودېللارنىڭ بىرى رېلىس يولىغا ئورنىتىلغان. گەرچە بەزىلىرى قارىماققا ئىككى ئۆلچەملىك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما يەنە بەزىلىرى تېخىمۇ مۇرەككەپ كۆرۈنىدىكەن.

تەتقىقات ئورنى ئېلان قىلغان دوكلاتتا: «ئىلگىرىكى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم تەقلىد قىلىپ ياسىغان تەقلىدىي مودېلى ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسىنىڭ مودېلى بولۇپ، 2019-يىلى 3-ئايدىن 4-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ياسالغان» دېيىلگەن.

9-ئۆكتەبىر تارتىلغان سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزۇنلۇقى 75 مېتىر كېلىدىغان ئەسۋابلار بىلەن قاپلانغان نىشان ئالتە مېتىر كەڭلىكتىكى ئوربىتىغا قويۇلغان. تەھلىل قىلىنىشىچە، خىتاي ياساپ چىققان مودېللىرى ئارقىلىق ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى نىشانى قىلغان بولۇش ئېھتىماللىقى بار بولۇپ، تەقلىدىي ئىزدەش ۋە سىناق نىشانى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 8-نويابىر ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا تەقلىد قىلىنغان سۈرەتلەر ھەققىدىكى سوئالغا: «ئەھۋالدىن خەۋىرىم يوق» دەپ جاۋاب بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل مارت ئېيىدا گېنېرال فىلىپ داۋىدسون ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا: «خىتاينىڭ بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ھەربىي مەشىقتە ئىشلىتىشى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئۈچىنچى تەرەپ كۈچلىرىگە قارشى رايون كىرىزىسىغا ئارىلىشىشىنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى» دېگەن.

بۇ خەۋەر 1064 قېتىم كۆرۈلدى
10/11/2021 17:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق