ياپونىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان شەخس ئالاھىدە مەسلىھەتچىلىككە تەيىنلەندى

ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا ئۇيغۇر مەسلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان گېن ناكاتانىنى كىشىلىك ھوقۇق ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى قىلىپ تەيىنلىدى.

ياپونىيە خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدانىڭ گېن ناكاتانىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇ ئەمەلدار ئىلگىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى تەنقىد قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بۇ مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ياپونىيەنىڭ ئىچكى ئىشى، مەن بۇنىڭغا بىر نەرسە دېمەيمەن. مېنىڭ كۆرسىتىپ ئۆتمەكچى بولغىنىم، تاشقى كۈچلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 9-ئايدا ياپونىيە لىبېرال دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان فۇمىئو كىشىدا قۇرۇلتايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن باش مىنىستىرنىڭ يېڭى ياردەمچى خادىم تەيىنلەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋاقىتتا، خوڭكوڭ ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەينى ۋاقىتتا ياپونىيە تاراتقۇلىرى يېڭىدىن قۇرۇلغان ئورۇننىڭ ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىكى ۋە باشقا ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ رەھبەرلىكىنى ماسلاشتۇرىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ ئورۇننىڭ چەتئەلگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى توپلاش ۋە تەھلىل قىلىشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، يېڭى قۇرۇلغان رەسمىي ئورۇن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىنى نازارەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

بۇ خەۋەر 720 قېتىم كۆرۈلدى
10/11/2021 16:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق