خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئامېرىكىغا تەھدىت سالدى

ئامېرىكىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ھەربىي ئايروپىلان بىلەن تەيۋەنگە زىيارەتكە بارغاندىن كېيىن، خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئامېرىكىغا تەھدىت سېلىپ، بۇ ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 9-نويابىر ئامېرىكىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ھەربىي ئايروپىلان بىلەن تەيۋەننى زىيارەت قىلغان. خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىكى سەيشەنبە كەچتە بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ دائىم ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھەرقانداق تاشقى كۈچنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىگە ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، تەيۋەن مۇستەقىلچى كۈچلىرىنى مەقسىتىگە يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى جار سالغان.

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىكى باياناتچىسى تەن كېفېي بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئامېرىكىنى «ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتى»نى دەرھال توختىتىشقا، تەيۋەن بوغۇزىدىكى جىددىيلىكنى كۈچەيتىۋېتىدىغان بارلىق بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىدە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا، تەيۋەن مۇستەقىلچى كۈچلىرىگە خاتا سىگنال بەرمەسلىككە چاقىرغان.

ئۇ باياناتىدا يەنە: «بىز دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسى دائىرىلىرىنى ۋەزىيەتكە خاتا ھۆكۈم قىلماسلىق ۋە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرىمىز، بولمىسا تەيۋەن ئېغىر بالايى-ئاپەتكە دۇچ كېلىدۇ» دەپ تەيۋەنگە تەھدىت سالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتى مەسىلىسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، زىيارەتنىڭ تەيۋەندىكى ئامېرىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تەيبېي ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ بۇ ئىشلارغا مەمۇرىي جەھەتتە ماسلاشقانلىقىنى، بۇ ئەھۋال تەيۋەن بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى، زىيارەتچىلەرنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ ئاممىغا مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئاشكارىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 662 قېتىم كۆرۈلدى
10/11/2021 16:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق