خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى يېڭى بەلگىلىمىسى دىققەت قوزغىدى

خىتاينىڭ 2022-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى قاتتىق كونترول قىلىش ھەققىدە چىقارغان يېڭى بەلگىلىمىسى دىققەت قوزغىماقتا.

زىمىستان تورىنىڭ 10-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا نازارەت قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەقسىتىدە «جامائەت بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشى نىزامى» نامىدا يېڭى بەلگىلىمە چىقارغان بولۇپ، 2022-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن.

گەرچە شەرقىي تۈركىستان ئەڭ قاتتىق نازارەت قىلىنىدىغان، تېررور سىياسىتى ئىجرا قىلىنىۋاتقان جاي بولسىمۇ، بىراق خىتاي دائىرىلىرى بۇنى يېتەرلىك ئەمەس، دەپ قارىغان. كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەقسىتىدە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دائىرىلىرى 28-سېنتەبىر «جامائەت بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشى نىزامى» نامىدا بەلگىلىمە چىقارغان. مەزكۇر بەلگىلىمە 13-نۆۋەتلىك «خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى»نىڭ 28-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرى ئېلان قىلىنغان.

خىتاي كېلەر يىلى ئىجرا قىلماقچى بولغان مەزكۇر بەلگىلىمىدە بىرىنچى قەدەمدىكى مۇھىم ئىش قاتارىدا ئاتالمىش «قانۇن بويىچە زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر ۋە تېررورلۇق كۈچلىرىگە قارشى زەربە بېرىش، ئالدىنى ئېلىش، دىنىي ئاشقۇن كۈچلەر ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا قانۇنسىز ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىش» دېگەنلەر تەكىتلەنگەن، ئىككىنچى قەدەمدە ئاتالمىش «قارا جەمئىيەت ۋە رەزىل كۈچلەرگە زەربە بېرىلىدۇ» دېيىلگەن. ئۈچىنچى قەدەمدە نۇقتىلىق ھالدا ئاتالمىش «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت، قانۇنسىز دىنىي تەشۋىقات ۋە قانۇنسىز دىنىي مەزمۇندىكى تور تارقىتىش كونترول قىلىنىدۇ ۋە رادىكاللىشىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ» دەپ جار سېلىنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتىلغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قاتتىق كونترول قىلىش، باستۇرۇش سىياسىتى بەلگىلىمىلىرىنى 1994-، 1997-ۋە 2009-يىللىرى ئۈچ قېتىم ئېلان قىلغان. مەزكۇر بەلگىلىمىلەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى ئىلگىرىكىگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ناچارلاشقان.

بۇ خەۋەر 820 قېتىم كۆرۈلدى
10/11/2021 16:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق