شى جىنپىڭنىڭ قارارى خىتاي بايلىرىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالدى

شى جىنپىڭ يېقىندا ئوتتۇرىغا قويغان ئاتالمىش «ئورتاق بېيىش» سىياسىتى خىتاي بايلىرىنى مال-مۈلۈك يۆتكەش ئۈچۈن يېڭى يول ئىزدەشكە مەجبۇر قىلغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ يېقىندا ئاتالمىش «ئورتاق بېيىش» سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، خىتاي بايلىرى ئىچىدە ۋەھىمە پەيدا قىلغان. ئەسلىدە دىققىتىنى پۇل تېپىشقا مەركەزلەشتۈرگەن خىتاي بايلار نۆۋەتتە بايلىقىنى ساقلاپ قېلىش يولىنى ئىزدەشكە باشلىغان.

مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي رېجىمى ئەلى بابا، تېڭشۈن قاتارلىق خىتاي ئىنتېرنېت ماگناتلىرىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مونوپولغا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان. بۇنىڭدىكى سەۋەب كۆلىمى زىيادە چوڭ بولۇپ كەتكەن بۇ كارخانىلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدىن چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەش ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئورتاق بېيىش» دېگەن بۇ سۆزنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى ماۋ زېدۇڭ 1950-يىللىرى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 1980-يىللىرى دېڭ شياۋپىڭمۇ قايتا تىلغا ئالغان.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بايلارنى ئەندىشىگە سالىدىغان سىياسەتلەرنى دائىم يولغا قويۇپ كەلگەن بولۇپ، 2012-يىلى بىر قىسىم يېڭى قانۇنلار چىقىرىلىپ، باي خىتايلارنى چوڭ تىپتىكى سەنئەت بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق، چەت ئەلدىكى مەبلەغنى جەلپ قىلىشقا تۈرتكە بولغان. خىتاي ۋىرۇسى تارقالغاندىن كېيىن خىتاي چېگراسى تاقىۋېتىلگەن بولۇپ، مەبلەغنى خىتايدىن يۆتكەش مەسىلىسىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرغان. خىتاي يەنە شىفىرلىق پۇل سودىسىنى چەكلىگەن بولۇپ، بۇ ئەسلىدە بايلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن تەشۋىشكە چۈشكەن خىتاي بايلىرى ھەر خىل ئاماللارنى قىلىپ، ئۆز بايلىقىنى قوغداشنىڭ يېڭى يوللىرىنى ئىزدەشكە باشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بايلىرى قانۇنلۇق ھالدا دۆلەت ئىچىدىكى مەبلىغىنى يۆتكەش ئۈچۈن، ئۈچ خىل ئۇسۇلنى قوللانغان. ئۇنىڭ بىرى چەت ئەل ھاۋالىسىگە تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىش، ئىككىنچىسى، يېشىل تېخنىكا ۋە چەتئەل شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق مۈلۈك تۈرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش. ئۈچىنچى تۈرى بولسا زۆرۈر تېپىلغاندا قاراڭغۇ بازار پۇل ئالماشتۇرۇش سودىگەرلىرىنى تەكلىپ قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەن.

خىتايدىكى بىر قىسىم شەخسلەر بىر نەچچە يىل ئىلگىرى كىشىلەرنىڭ پەقەت قانداق مەبلەغ سېلىشقا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، ئەمما ھازىر ئۇلارنىڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 725 قېتىم كۆرۈلدى
10/11/2021 14:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق