خىتاي ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلەرنى بۇزۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلەرنى ئاتالمىش «كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش» باھانىسى چېقىپ ئۆزگەرتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 9-نويابىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، قەشقەر شەھەرلىك ھايۋانات سەھىيە نازارەتچىلىك ئورنى ئائىلىلىكلەر قورۇسى، پوسكام ناھىيەسى پوسكام بازىرىنىڭ باغچى مەھەللىسى مەركىزىي باغچە ئولتۇراق رايونى قاتارلىق رايونلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلىرىنى يېڭى بولۇشىغا قارىماي، «ئۆلچەمگە توشمايدۇ» دېگەن باھانىلەر بىلەن چېقىپ، خىتاي ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتكەن.

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتى 2021-يىلى ئاتالمىش «شەھەر ـ بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش» نامىدا 201 ئولتۇراق رايون، 616 بىنا، 14 مىڭ 549 ئائىلە، 1 مىليون 150 مىڭ 400 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى 14 مىڭ 549 ئائىلىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلىرىنى چىقىپ ئۆزگەرتكەن. پىلاننىڭ ئورۇندىلىش نىسبىتى %100 كە يەتكەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلەرنى، مەھەللىلەرنى چېقىپ ئۆزگەرتىش پىلانىدا 2000-يىلىدىن بۇرۇن سېلىنغان ئولتۇراق رايون ئاساس قىلىنغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى، غۇلجا شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى، كۇچا شەھىرى، خوتەن شەھىرىدىن ئىبارەت بەش شەھەردە نۇقتىلىق ئىجرا قىلىنغان.

خىتاي رېجىمى يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن ئىسلامىي، مىللىي قىممەت قاراشلىرىدىن، ئۆز مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر-ئىسلام مەدەنىيىتى ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلەرنى، ھويلا-ئاراملارنى ئاتالمىش «كونا ئۆيلەرنى چېقىپ ئۆزگەرتىش» نامىدا مەجبۇرىي چېقىشقا باشلىغان ئىدى. خىتاي بۇ يىلمۇ پىلانىنى داۋاملىق كۈچەپ ئىجرا قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 864 قېتىم كۆرۈلدى
10/11/2021 13:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق