رۇسىيە بىلەن خىتاي يېڭى ئېغىر تىپلىق تىك ئۇچار توغرىسىدا توختام ئىمزالىدى

رۇسىيە بىلەن خىتاي يېڭى تۈردىكى ئېغىر تىپلىق تىك ئۇچارنى بىرلىكتە تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا توختام ئىمزالىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى رۇسىيە تىك ئۇچار ئايروپىلان شىركىتى 8-نويابىر رۇسىيەنىڭ خىتاي بىلەن كۆپ ئىقتىدارلىق ئېغىر تىپتىكى تىك ئۇچارنى بىرلىكتە تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا توختام ئىمزالىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بۇ رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ تېخنىكا ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ قويۇقلاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

كىرېمىل تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان يىغىن خاتىرىسىدە ئاشكارىلىنىشىچە، شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئاندرېي بوگىنسكى رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىنغا رۇسىيەنىڭ ئايروپىلاننى سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ، رول ۋە توڭلاشقا قارشى سىستېما قاتارلىق زاپچاسلار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ توختام رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ 2016-يىلى ئىمزالىغان كېلىشىمىنى ئاساس قىلغان. كېلىشىمگە ئاساسەن، خىتاي جۇڭجى پاي چېكى شىركىتى ۋە رۇسىيە تىك ئۇچار شىركىتى خىتاي بازىرىغا ئېغىر تىپتىكى تىك ئۇچار ياساپ بېرىدىغان بولۇپ، بۇلارنى خىتايدا قۇراشتۇرىدىكەن.

بوگىنسكى پۇتىنغا يەنە رۇسىيەنىڭ بۇ تۈر توغرىسىدا 2008-يىلدىن باشلاپ سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقىنى، توختامنىڭ بۇ يىل 25-ئىيۇن ئىمزالانغانلىقىنى ئېيتقان. توختام تەخمىنەن 13 يىل داۋاملىشىدىغان بولۇپ، باشقا تەپسىلاتلار ئاشكارىلانمىغان.

خىتاي رۇسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى بولۇپ، 2014-يىلدىن باشلاپ خىتاي بىلەن رۇسىيە 250 دىن 320 چىگە ئادەم سىغىدىغان يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇزۇن لىنىيەلىك كەڭ گەۋدىلىك ئايروپىلاننى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. رۇسىيە دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئاۋىياتسىيە ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئايروپىلان 2023-يىلى تۇنجى قېتىم ئۇچىدىكەن.

بۇ خەۋەر 710 قېتىم كۆرۈلدى
09/11/2021 21:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق