Trendyol نىڭ %86.5 پاي ئۈلۈشى خىتايغا سېتىلدى

خىتاي ئېلېكتىرونلۇق سودا ماگناتى ئەلى بابا 2018-يىلى 728 مىليون دوللار بىلەن تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى Trendyol نىڭ %75 كە يېقىن پاي ئۈلۈشىنى سېتىۋالغان بولۇپ، بۇ يىل يەنە 350 مىليون دوللار سەرپ قىلىپ، پاي ئۈلۈشىنى %86.5 كە يەتكۈزگەن.

بىلۇمبېرگنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ كېلىشىمدىن كېيىن شىركەتنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن دەمەت سۇزان مۇتلۇ ئۈچئوقنىڭ شىركەتتىكى پاي ئۈلۈشى %6.96 كە، ئەۋرەن ئۈچئوقنىڭ %5.55 كە، بەگۈم تېكىننىڭ %0.78 كە، زەكى گۈچلۈ كايانىڭ %0.21 كە چۈشۈپ قالغان. نۆۋەتتە Trendyol نىڭ مۆلچەرلەنگەن بازار قىممىتى 11 مىليارد دوللارغا يەتكەن.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردىن كېيىن تۈركىيەدىكى بەزى پائالىيەتچىلەر تۈركىيە خەلقىنى Trendyol نى بايقۇت قىلىشقا چاقىرماقتا ۋە بۇ يەردىن قىلىنغان ھەربىر سودا -سېتىقنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 739 قېتىم كۆرۈلدى
09/11/2021 20:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق