تەيۋەن خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى يەنە تەدبىر قوللاندى

تەيۋەن ھۆكۈمىتى خىتاي كومپارتىيەسى تەيۋەندە تەسىس قىلغان «چىڭخۇا دېڭىز بوغۇزى تەتقىقات ئورنى»نى تاقاشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن «چىڭخۇا بوغۇزى تەتقىقات ئورنى»نى تاقاشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، بۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەيۋەنگە سىڭىپ كىرىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنى توسۇش ئۈچۈن ئىكەن.

تەيۋەن «ئەركىنلىك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2016-يىلى بۇ ئىنستىتۇت ئۆزىنى كۈچەيتىش سانائەت پەنلىرى فوندى ئارقىلىق تەيۋەن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ ھويلىسىدىن ئىشخانا ئىجارىگە ئېلىپ، «چىڭخۇا دېڭىز بوغۇزى تەتقىقات ئورنى ئىشخانىسى» تەسىس قىلغان ۋە «ئىككى قىرغاق سانائىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزى»نى قۇرغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، «چىڭخۇا دېڭىز بوغۇزى تەتقىقات ئورنى»نى 2015-يىلى شيامېن شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن بېيجىڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە قۇرغان، كارخانا شەكلىنى ئاساس قىلغان ئورگان ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئورگان تورىدا بولسا «چىڭخۇا دېڭىز بوغۇزى تەتقىقات ئورنى» ئىككى قىرغاقنىڭ رايونلۇق ئىقتىسادى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىنىڭ يادرولۇق قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تەيۋەننىڭ دۆلەت ھالقىغان خەلق مۇناسىۋەت نىزامىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىدە: «چوڭ قۇرۇقلۇق رايونىدىكى پايدا ئالمايدىغان قانۇنىي ۋەكىللەر، تەشكىلاتلار ياكى باشقا ئورگانلار تەيۋەندە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.

تەيۋەن مائارىپ مىنىستىرلىكى 4-نويابىر تەيۋەن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە تەيۋەن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپداشلار جەمئىيىتىگە خەت ئەۋەتىپ، شىنجۇدىكى ئىشخانىسىنىڭ پائالىيىتىنى تەكشۈرۈپ، مىنىستىرلىككە دوكلات قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ئۆزىنى كۈچەيتىش فوندىنىڭ رەئىسى لۇ كۇنرۈي بۇنىڭغا جاۋابەن «چىڭخۇا دېڭىز بوغۇزى تەتقىقات ئورنى»نىڭ يۇقۇم سەۋەبىدىن ئۇزۇن ۋاقىت خىزمەت قىلمىغانلىقىنى، ئىجارە مۇددىتىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا توشقاندىن كېيىن يېڭىلىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، تەيۋەننىڭ شىنجۇ شەھىرى دۇنيانىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق سانائىتىدىكى مۇھىم شەھەر بولۇپ، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان ۋە ئىختىساسلىقلار مەركەزلەشكەن. ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورت جازاسىنىڭ چەكلىمىسى ئاستىدا، خىتايدىكى تېخنىكا شىركەتلىرى يەرلىك ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسى ۋە ئىختىساسلىقلارغا جىددىي موھتاج ئىكەن. بۇ سەۋەبلىك خىتاي تەيۋەندىن تېخنىكا ئوغرىلاشقا ئۇرۇنغان.

بۇ خەۋەر 654 قېتىم كۆرۈلدى
09/11/2021 20:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق