شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئېغىر يېقىلغۇ قىسلىقىغا دۇچ كەلدى

ئىككى تىرىللىيون توننىدىن ئارتۇق كۆمۈر زاپىسىغا ئىگە بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇ يىل قىش پەسىلنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن ئېغىر كۆمۈر قىسلىقىغا دۇچ كەلدى.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قىشنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى كۆمۈر قىسلىقىغا دۇچ كەلگەن. بولۇپمۇ غۇلجىدا كۆمۈر يېتىشمەسلىك ئەھۋالى ئېغىر بولغان. ئىككى كۈندىن بېرى غۇلجىدا قار ياغقان بولۇپ، كۆمۈر ساتىدىغان ئورۇندا كۆمۈر قالمىغان بولسىمۇ، بىراق خەلق ئاممىسى بىرەر ھارۋا ياكى بىر خالتا كۆمۈر ئېلىۋېلىش ئۈچۈن يەنىلا ئۆچرەتتە تۇرۇشۇپ ساقلىغان.

باشقا سىنلاردا ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل 10-ئايدا ئىلى ۋىلايىتىگە تەۋە كۆكدالا شەھىرىدە ئىككى كىشى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان. خىتاي دائىرىلىرى ۋىرۇس باھانىسى بىلەن پۈتكۈل غۇلجا خەلقىنى ئۆيىدىن چىقىشقا رۇخسەت قىلمىغان بولۇپ، 11-ئاي كىرگەندىن كېيىنمۇ قامالنى بوشاتمىغان. ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ھەرخىل ئۇسۇل بىلەن نارازىلىق بىلدۈرگەن خەلق ئۆزىنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالغانلىقىنى، ئۆيىدە كۆمۈر قالمىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. خىتاي ۋىرۇس باھانىسى بىلەن خەلقنىڭ سىرتىغا چىقىشىنى چەكلىگەن بولۇپ، ھەتتا ئىشىكلەرنى تېشىدىن تاقىۋالغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالمىغان ئەھۋال ئاستىدا سىرتقا چىققانلار تۇتۇپ كېتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيەنىڭ كۆمۈر ئىمپورتى توختىتىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا كۆمۈر كەمچىللىكى كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك قىش پەسلىدە خىتاينىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىدە سەۋەبىدىن توك يېتىشمىگەن. ئاۋسترالىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى نۆۋەتتە ئەڭ تۆۋەن باسقۇچقا چۈشۈپ قالغان. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئاۋسترالىيەنىڭ خىتاينىڭ 5G تورى مەسىلىسىدىكى كەسكىن مەيدانى، خىتاي ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بولۇپ، خىتاي بۇ سەۋەبلىك ئاۋسترالىيەدىن ئۆچ ئېلىشقا باشلىغان. ئاۋسترالىيەنىڭ خىتايغا سېتىۋاتقان تاۋارلىرى ۋە باشقا ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر ئاساسەن دېگۈدەك خىتاي تەرىپىدىن چەكلەنگەن بولۇپ، چەكلەنگەن مەھسۇلاتلار ئىچىدە ياغاچ، كۆمۈر باشقا تاۋارلار بار ئىكەن. ئىككى تىرىليون كۆمۈر زاپىسىغا ئىگە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە كۆمۈر يېتىشمەسلىك ئەھۋالى خىتاينىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىنى كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشنى ئاساس قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن كارى بولمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۇ خەۋەر 676 قېتىم كۆرۈلدى
09/11/2021 20:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق