خىتاي جاسۇس سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكى بىر خىتاي جاسۇسنى ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى ب ب س نىڭ 7-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شۈ يەنجۈن ئىسىملىك خىتاي جاسۇس ئىقتىسادىي جاسۇسلۇق ۋە سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش قاتارلىق بىلەن بەش تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئەگەر بۇ خىتاي جاسۇسقا سوت ئېچىلسا 60 يىللىق قاماق جازاسى ۋە 5 مىليون دوللاردىن ئارتۇق جەرىمانە قويۇلىدىكەن. مەزكۇر جاسۇس دەسلەپتە 2018-يىلى بېلگىيەدە قولغا ئېلىنىپ، ئامېرىكىغا سوتقا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن تۇنجى خىتاي ئالاھىدە خادىمى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ بۇ جاسۇس ھەققىدىكى قارارىغا تېخى باھا بەرمىگەن بولۇپ، خىتاي ئىلگىرى ئەيىبلەشنى رەت قىلىپ، تەپتىش ئەيىبلەشلىرىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، شۈ يەنجۈن خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى جياڭسۇ شۆبىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى، مەزكۇر بۆلۈمنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش مەسئۇلى، چەتئەل ئاخباراتلىرىنى توپلاش ۋە ئىچكى بىخەتەرلىك قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ مەسئۇلى ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، شۈ يەنجۈن باش شىتابى ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرگە جايلاشقان بىر قانچە شىركەتنىڭ خىزمەتچىلىرىنى نىشانلىغانلىقى ھەققىدە ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتى 2013-يىلى باشلانغان. ئۇ ھەممىباب ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ بىر خىزمەتچىسىنى 2017-يىلى خىتايغا بېرىپ ئۇنىۋېرسىتېتتا دەرس سۆزلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان ۋە ئۇنىڭ ساياھەت چىقىمى ۋە ئىش ھەققىنى تۆلىگەن. بىر يىلدىن كېيىن، شۈ يەنجۈن مۇتەخەسسىستىن سىستېما ئۆلچىمى، لايىھەلەش تەرتىپى ۋە باشقا ئۇچۇرلارنى سورىغان. فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) بىلەن ھەمكارلاشقان شىركەتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ خىزمەتچى ئېلخەت ئارقىلىق شۈ فامىلىلىككە ئىككى بەتلىك ھۆججەت ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇ ھۆججەتتە سەزگۈر ئۇچۇرلار بار ئىكەن.

بۇ خەۋەر 656 قېتىم كۆرۈلدى
08/11/2021 15:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق